ھەر ئىشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار
3
1 ھەر نەرسىنىڭ ئۆز پەيتى بار ۋە ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھەر ئىشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار. 2 تۇغۇلۇشنىڭ ۋاقتى بار، ئۆلۈشنىڭمۇ ۋاقتى بار.
كۆچەت تىكىشنىڭ ۋاقتى بار، كۆچەت يۇلۇشنىڭمۇ ۋاقتى بار.
3 ئۆلتۈرۈشنىڭ ۋاقتى بار، ساقايتىشنىڭمۇ ۋاقتى بار.
بۇزۇشنىڭ ۋاقتى بار، قۇرۇشنىڭمۇ ۋاقتى بار.
4 يىغلاشنىڭ ۋاقتى بار، كۈلۈشنىڭمۇ ۋاقتى بار.
ماتەم تۇتۇشنىڭ ۋاقتى بار، ئۇسسۇل ئويناشنىڭمۇ ۋاقتى بار.
5 تاش ئېتىشنىڭ ۋاقتى بار، تاش يىغىشنىڭمۇ ۋاقتى بار.
قۇچاقلاشنىڭ ۋاقتى بار، قۇچاقلاشتىن ئۆزىنى تارتىشنىڭمۇ ۋاقتى بار.
6 ئىزدەشنىڭ ۋاقتى بار، يىتتۈرۈشنىڭمۇ ۋاقتى بار.
ساقلاشنىڭ ۋاقتى بار، تاشلاشنىڭمۇ ۋاقتى بار.
7 يىرتىشنىڭ ۋاقتى بار، تىكىشنىڭمۇ ۋاقتى بار.
سۈكۈتنىڭمۇ ۋاقتى بار، سۆزلەشنىڭمۇ ۋاقتى بار.
8 سۆيۈشنىڭ ۋاقتى بار، نەپرەتلىنىشنىڭمۇ ۋاقتى بار.
ئۇرۇشنىڭ ۋاقتى بار، تىنچلىقنىڭمۇ ۋاقتى بار.
9 ئەمگەكچى سەرپ قىلغان ئەمگىكىدىن نېمە پايدا ئالىدۇ؟ 10 خۇدا ئادەم بالىلىرىغا جاپا تارتسۇن دەپ بەرگەن ئىشلارنى كۆردۈم. 11 ئۇ ھەر نەرسىنى ئۆز زامانىدا گۈزەل ياراتتى. شۇنداقلا ئۇ ئادەملەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە ئەبەدىيلىكنى سالدى، شۇنداقتىمۇ ھېچ كىشى خۇدانىڭ دەسلەپتىن تارتىپ ئاخىرغىچە قىلغان ئىشلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلمەيدۇ. 12 ئادەملەر ئۈچۈن ھاياتىدا خۇشال بولۇشتىن، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ياخشى نەرسە يوق دەپ بىلىپ يەتتىم. 13 شۇنداقلا بىر كىشى يەپ-ئىچىپ، بارلىق ئەمگىكىدىن ھۇزۇرلىنىپ ياشىسا، بۇ خۇدانىڭ سوۋغىسىدۇر.
14 خۇدانىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەڭگۈلۈك دەپ بىلدىم. ئۇنىڭغا ھېچبىر نەرسە قوشۇلۇپ قالمايدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ھېچبىر نەرسە ئېلىنمايدۇ. خۇدا ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭدىن قورقۇشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. 15 بار نەرسە ئىلگىرىمۇ بار ئىدى. كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىش ئىلگىرىمۇ بولغاندۇر. خۇدا ئۆتۈپ كەتكەننى يەنە كەلتۈرىدۇ.
ھەققانىيلارنىڭ ۋە گۇناھكارلارنىڭ تەقدىرى
16 مەن قۇياش ئاستىدا شۇنىمۇ كۆردۈم: ئادالەتنىڭ ۋە ھەققانىيلىقنىڭ يېرىنى يامانلىق ئېلىپتۇ. 17 مەن ئۆز كۆڭلۈمدە: «خۇدا ھەققانىينىمۇ، گۇناھكارنىمۇ سوراققا تارتىدۇ، چۈنكى ھەر ئىش ۋە ھەر ئەمەلنىڭ بېكىتىلگەن ۋاقتى باردۇر» دېدىم. 18 مەن ئادەم بالىلىرى توغرىسىدا كۆڭلۈمدە: «ئۇلار ئۆزىنىڭ ھايۋاندىن پەرقسىز ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دەپ خۇدا ئۇلارنى سىناپ كۆرىدۇ» دېدىم. ■ 19 چۈنكى ئادەم بالىلىرى ۋە ھايۋانلارنىڭ تەقدىرى ئوخشاش، ھايۋانلار ئۆلگەندەك ئادەم بالىلىرىمۇ ئۆلىدۇ، ھەممىسىنىڭ ئوخشاش جېنى باردۇر. ئادەمنىڭ ھايۋاندىن ئارتۇقچىلىقى يوق، چۈنكى ھەممىسى بىھۇدىلىكتۇر. 20 ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر جايغا بارىدۇ، ھەممىسى توپىدىن يارالغان، ھەممىسى يەنە توپىغا قايتىدۇ. 21 ئادەم بالىلىرىنىڭ روھى يۇقىرىغا چىقامدۇ، ھايۋاننىڭ روھى يەرنىڭ تېگىگە چۈشەمدۇ؟ كىم بىلىدۇ؟ 22 بۇنىڭدىن بىلدىمكى، ئادەمگە ئۆز ئەمگىكىدىن ھۇزۇرلىنىشتىن ياخشىراقى يوقتۇر، ئۇنىڭ نېسىۋىسى شۇدۇر. چۈنكى كىم ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا كۆرسىتەلەيدۇ؟