150
1 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگارنى ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىدا مەدھىيىلەڭلار،
ئۇنىڭ قۇدرىتى ئايان بولغان ئاسمانلاردا ئۇنى مەدھىيىلەڭلار.
2 ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار،
ئۇنىڭ تەڭداشسىز ئۇلۇغلۇقى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار.
3 بۇرغا ساداسى بىلەن ئۇنى مەدھىيىلەڭلار،
چىلتار ۋە لىرا چېلىپ ئۇنى مەدھىيىلەڭلار.
4 داپ چېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ ئۇنى مەدھىيىلەڭلار،
تارلىق ساز ۋە نەي چېلىپ ئۇنى مەدھىيىلەڭلار.
5 ئۈنى جاراڭلىق جاڭلار چېلىپ ئۇنى مەدھىيىلەڭلار،
ساداسى ياڭراق جاڭلار چېلىپ ئۇنى مەدھىيىلەڭلار.
6 جېنى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى
پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلىسۇن.
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!