149
1 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگار ئۈچۈن يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار.
تەقۋادارلارنىڭ مەجلىسىدە ئۇنى مەدھىيىلەڭلار.
2 ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىدىن شادلانسۇن،
سىئوننىڭ بالىلىرى ئۆز پادىشاھىدىن خۇش بولسۇن.
3 ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ ئۇنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن،
داپ ۋە لىرا چېلىپ ئۇنىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن.
4 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنىدۇ،
كەمتەر-مۇلايىملارنى نىجاتلىق بىلەن زىننەتلەيدۇ.
5 تەقۋادارلار بۇ شان-شەرەپتىن شادلانسۇن،
ئورۇنلىرىدا يېتىپ خۇشاللىقتىن ناخشا ياڭراتسۇن.
6 ئۇلارنىڭ ئاغزىدا خۇداغا مەدھىيە ئېيتىلسۇن،
قوللىرىدا قوش بىسلىق قىلىچ بولسۇن.
7 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللەردىن ئىنتىقام ئېلىپ،
خەلقلەرگە جازا بېرىپ،
8 ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ،
ئېسىلزادىلىرىنى تۆمۈر كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەپ،
9 پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى ئۇلارغا ئىجرا قىلىدۇ.
ئۇنىڭ تەقۋادارلىرىنىڭ ھەممىسىگە بۇ شەرەپ نەسىپ بولىدۇ.
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!