148
1 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئاسمانلاردىن پەرۋەردىگارغا ھەمد ئېيتىڭلار.
ئەرشلەردە ئۇنى مەدھىيىلەڭلار.
2 ئەي ئۇنىڭ ھەممە پەرىشتىلىرى، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار.
ئەي ئۇنىڭ ھەممە قوشۇنلىرى، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار.
3 ئەي كۈن بىلەن ئاي، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار.
ئەي ھەممە روشەن يۇلتۇزلار، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار.
4 ئەي ئاسمانلارنىڭ ئاسمانلىرى ۋە ئاسمانلارنىڭ ئۈستىدىكى سۇلار،
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار.
5 بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن،
چۈنكى ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار يارىتىلدى.
6 ئۇ ئۇلارنى ئەبەدىلئەبەدكە مەزمۇت قىلدى،
ئۇلارغا بۇزۇلماس بىر قانۇن بېكىتتى.
7 پەرۋەردىگارنى يەر يۈزىدىن مەدھىيىلەڭلار!
ئەي دېڭىزدىكى چوڭ مەخلۇقلار ۋە ھەممە چوڭقۇر سۇلار،
8 يالقۇن ۋە مۆلدۈر، قار ۋە ھور،
ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلايدىغان بوران،
9 ئەي تاغلار ۋە ھەممە دۆڭلۈكلەر،
مېۋىلىك دەرەخلەر ۋە ھەممە كېدىر دەرەخلىرى،
10 ياۋايى ھايۋانلار ۋە چارۋا مالنىڭ ھەممىسى،
ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلار ۋە قاناتلىق ئۇچار قاناتلار،
11 ئەي جاھان پادىشاھلىرى ۋە ھەممە خەلقلەر،
ئەمىرلەر ۋە يەر يۈزىدىكى بارچە ھۆكۈمدارلار،
12 يىگىتلەر ۋە قىزلار، قېرى ۋە ياشلار،
ھەممىڭلار ئۇنى مەدھىيىلەڭلار!
13 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن،
چۈنكى پەقەت ئۇنىڭ نامى ئۇلۇغدۇر.
ئۇنىڭ شان-شەرىپى يەر ۋە ئاسماننىڭ ئۈستىدىدۇر.
14 پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى ئېگىز كۆتۈردى.
ھەممە تەقۋادارلىرى، ئۆزىگە يېقىن بولغان بەنى ئىسرائىل ئۇنى مەدھىيىلىسۇن.
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!