147
1 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار.
مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىش ياخشى ۋە سۆيۈملۈكتۇر.
بۇنداق مەدھىيىلەش ئىنسانغا يارىشار.
2 پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى قۇرىدۇ،
ئىسرائىلنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىرىنى يىغىدۇ.
3 ئۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنى داۋالايدۇ،
ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ. ■
4 ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى بەلگىلەيدۇ،
ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز نامى بىلەن ئاتايدۇ.
5 رەببىمىز ئۇلۇغدۇر،
ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمۇ ئۇلۇغدۇر،
ئۇنىڭ دانالىقى چەكسىزدۇر.
6 پەرۋەردىگار كەمتەر-مۇلايىملارنى يۆلەپ كۆتۈرەر،
لېكىن يامانلارنى يەرگە يىقىتار.
7 پەرۋەردىگارغا ناخشا بىلەن شۈكۈر ئېيتىڭلار،
خۇدايىمىزغا لىرا چېلىپ مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار.
8 ئۇ ئاسماننى بۇلۇت بىلەن قاپلاپ،
يەرگە يامغۇر ياغدۇرۇپ،
تاغلاردا ئوت-چۆپلەرنى ئۈندۈرەر.
9 ئۇ ھايۋانلارغا رىزقىنى بېرەر،
ئىڭراپ تۇرغان قۇزغۇننىڭ بالىلىرىغا ئوزۇق بېرەر.
10 ئۇ ئاتنىڭ كۈچىنى تەلەپ قىلماس،
ئادەمنىڭ پۇتلىرىنىڭ چەبدەسلىكىدىن سۆيۈنمەس.
11 بەلكى پەرۋەردىگار ئۆزىدىن قورقىدىغان،
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردىن سۆيۈنەر.
12 ئەي يېرۇسالېم، پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلىغىن.
ئەي سىئون، خۇدايىڭنى مەدھىيىلىگىن.
13 چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرىڭنىڭ تاقاقلىرىنى مەھكەم قىلار،
ئىچىڭدىكى بالىلىرىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلار.
14 ئۇ زېمىنىڭنى تىنچ-ئامان قىلار
ۋە ئېسىل بۇغداي بىلەن سېنى تويدۇرار.
15 ئۇ ئۆز بۇيرۇقىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتەر،
ئۇنىڭ سۆزى چاپاردەك تېز يۈرەر.
16 ئۇ قارنى ئاق يۇڭ كەبى ياغدۇرار،
قىروۋنى كۈل كەبى چاچار،
17 ئۇ مۆلدۈرنى نان ئۇۋاقلىرىدەك تاشلىۋېتەر.
ئۇنىڭ سوغۇقىغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟
18 ئۇ سۆزىنى ئەۋىتىپ، ھەممىنى ئېرىتەر،
شامىلىنى چىقىرىپ، سۇلارنى ئاققۇزار.
19 ئۇ سۆزىنى ياقۇبقا بىلدۈردى،
قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ۋە ئەھكاملىرىنى ئىسرائىلغا بايان قىلدى.
20 ئۇ باشقا ھېچبىر خەلققە بۇنداق قىلمىغان.
ئۇلار ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى بىلمەيدۇ.
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!