146
1 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئەي جېنىم، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلىگىن.
2 مەن ئۆمۈر بويى پەرۋەردىگارغا ھەمد ئېيتىمەن،
مەۋجۇتلا بولسام خۇدايىمغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن.
3 سىلەر خانزادىلەرگە ئىشەنچ باغلىماڭلار،
قۇتقۇزالمايدىغان ئادەم بالىسىغا تايانماڭلار.
4 ئۇنىڭ نەپىسى ئۈزۈلگەندە، ئۇ تۇپراققا قايتىدۇ.
ئۇ كۈندە ئۇنىڭ ئارزۇ-نىيەتلىرى يوق بولۇپ كېتىدۇ.
5 ياقۇبنىڭ خۇداسى ياردەمچىسى بولغان،
ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغان ئادەم بەختلىكتۇر.
6 ئۇ ئاسمان بىلەن يەرنى،
دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە مەۋجۇداتلارنى ياراتقاندۇر.
ئۇنىڭ ۋاپادارلىقى مەڭگۈلۈكتۇر.
7 ئۇ زۇلۇم تارتقۇچىلار ئۈچۈن ئادىل ھۆكۈم چىقىرار،
ئاچ قالغانلارغا نان بېرەر.
پەرۋەردىگار مەھبۇسلارنى ئازاد قىلار.
8 پەرۋەردىگار كورلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچار،
پەرۋەردىگار مۈكچىيىپ قالغانلارنى تۇرغۇزار،
پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى سۆيەر.
9 پەرۋەردىگار مۇساپىرلارنى قوغدار،
يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنلارنى يۆلەر،
ئەمما يامانلارنىڭ يولىنى ئەگرى-توقاي قىلار.
10 پەرۋەردىگار ئەبەدكىچە ھۆكۈمرانلىق قىلار.
ئەي سىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ نەسىلدىن نەسىلگە ھۆكۈم سۈرەر.
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!