145
1 داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. ئەي خۇدايىم، ئەي پادىشاھ،
مەن سېنى ئۇلۇغلايمەن،
سېنىڭ نامىڭغا ئەبەدىلئەبەد ھەمدۇسانا ئېيتىمەن.
2 ھەر كۈنى ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتىپ،
ئەبەدىلئەبەدكىچە نامىڭنى مەدخىيىلەيمەن.
3 پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر ۋە مەدھىيىلەشكە ئەڭ لايىقتۇر،
ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئەقىلدىن ئۈستۈندۇر.
4 ھەربىر نەسىل كېيىنكى نەسىلگە سېنىڭ ئىشلىرىڭنى ماختاپ بېرىدۇ،
ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى بايان قىلىدۇ.
5 مەن سېنىڭ ئۇلۇغ شانۇ-شەۋكىتىڭ
ۋە ئاجايىپ ئىشلىرىڭ توغرىسىدا سۆزلەيمەن.
6 خەلق سېنىڭ ھەيۋەتلىك ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.
مەنمۇ سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭنى بايان قىلىمەن.
7 ئۇلار سېنىڭ كاتتا مېھرىبانلىقىڭنى ئەسلەپ ئۇنى بايان قىلىدۇ،
ھەققانىيلىقىڭنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىدۇ.
8 پەرۋەردىگار شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر،
ئۇ ئاسان غەزەپلەنمەس،
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى چەكسىزدۇر.
9 پەرۋەردىگار ھەممىگە مېھرىباندۇر،
ئۇنىڭ كۈيۈمچانلىقى بارچە ياراتقانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر.
10 سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، ئەي پەرۋەردىگار،
سېنىڭ تەقۋادارلىرىڭ ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ.
11 ئۇلار پادىشاھلىقىڭنىڭ شانۇ-شەرىپىدىن سۆزلەپ،
كۈچ-قۇدرىتىڭنى بايان قىلىدۇ.
12 بۇ تەرىقىدە ئۇلار ئادەم بالىلىرىغا سېنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىڭنى
ۋە پادىشاھلىقىڭنىڭ شان-شەرىپى ۋە شەۋكىتىنى بىلدۈرىدۇ.
13 سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقتۇر،
سەلتەنىتىڭ نەسىلدىن نەسىلگىدۇر.
14 پەرۋەردىگار ھەممە يىقىلغانلارنى يۆلەيدۇ،
پۈكلىنىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ.
15 ھەممىنىڭ كۆزلىرى ساڭا تەلمۈرەپ تۇرىدۇ،
سەن ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا رىزقىنى يەتكۈزۈپ بېرىسەن.
16 سەن قولۇڭنى ئېچىپ،
ھەممە جانلىقلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىسەن.
17 پەرۋەردىگار ھەممە يوللىرىدا ئادىلدۇر،
ھەممە ئىشلىرىدا مېھرىباندۇر.
18 پەرۋەردىگار ئۆزىگە دۇئا قىلغانلارغا،
ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن يالۋۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر.
19 ئۇ تەقۋادارلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ،
ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.
20 پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقلايدۇ،
ئەمما يامانلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىدۇ.
21 ئاغزىم پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ تۇرىدۇ،
بارلىق تىرىك جانلار ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىنى مەدھىيىلەيدۇ. ■