144
1 داۋۇد يازغان ناخشا. قوللىرىمغا جەڭ قىلىشنى،
بارماقلىرىمغا ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگىتىدىغان
قورام تېشىم پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي!
2 ئۇ مېنىڭ مېھىر-شەپقىتىم ۋە قورغىنىم،
مېنىڭ ئېگىز قەلئەم، قۇتقۇزغۇچىم ۋە قالقىنىم.
مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن.
ئۇدۇر خەلقىمنى ماڭا باش ئەگدۈرگەن.
3 ئەي پەرۋەردىگار، ئىنسان نېمىدى، سەن ئۇنى ئويلىغۇدەك،
ئادەم بالىسى نېمىدى، سەن ئۇنى ھېسابقا ئالغۇدەك؟
4 ئىنسان ھورغا ئوخشايدۇ،
ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر سايىدەكتۇر.
5 ئەي پەرۋەردىگار، ئاسمانلارنى ئېگىلدۈرۈپ تۆۋەنگە چۈشكىن،
تاغلارغا قول تەگكۈزۈپ تۈتۈن چىقارغىن.
6 چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ دۈشمەنلەرنى تىرىپىرەن قىلىۋەتكىن،
ئوقلىرىڭنى ئېتىپ ئۇلارنى پاراكەندە قىلغىن.
7 يۇقىرىدىن قولۇڭنى ئۇزىتىپ، مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن
ۋە يات كىشىلەرنىڭ قولىدىن تارتىپ قۇتقۇزغىن.
8 ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى قۇرۇق گەپ قىلىدۇ،
ئوڭ قولى يالغان قەسەم ئۈچۈن كۆتۈرۈلىدۇ.
9 ئەي خۇدا، مەن ساڭا يېڭى بىر ناخشا ئېيتاي،
ئون تارلىق چىلتار چېلىپ سېنى مەدھىيىلەي.
10 سەن پادىشاھلارغا نىجاتلىق بەرگۈچىسەن،
خىزمەتكارىڭ داۋۇدنى يامان قىلىچتىن قۇتقۇزغۇچىسەن.
11 سەن مېنى، ئېغىزلىرى قۇرۇق گەپ قىلىدىغان،
ئوڭ قوللىرى يالغان قەسەم ئۈچۈن كۆتۈرۈلىدىغان
ياتلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ ئازاد قىلغىن.
12 بىزنىڭ ئوغۇللىرىمىز ياشلىقىدا،
ئۆسۈپ يېتىلگەن كۆچەتلەردەك بولغاي،
قىزلىرىمىز ئوردىنىڭ بۇلۇڭلىرىدىكى
ئويۇلۇپ نەقىشلەنگەن تۈۋرۈكلەردەك بولغاي.
13 ئامبارلىرىمىز ھەر خىل نېمەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقاي،
يايلاقلىرىمىزدىكى قويلىرىمىز قوزىلاپ،
كۆپىيىپ نەچچە مىڭغا، نەچچە تۈمەنگە يەتكەي.
14 ئۆكۈزلىرىمىزنىڭ يۈكلىرى كۆپ بولغاي.
ھېچكىم سېپىللىرىمىزنى بۇزۇپ كىرمىگەي
ۋە ھېچكىم ئېلىپ كېتىلمىگەي.
كوچىلىرىمىزدا جېدەل-غوۋغىمۇ بولمىغاي. ■
15 بۇلارغا ئېرىشكەن خەلق نەقەدەر بەختلىكتۇر،
خۇداسى پەرۋەردىگار بولغان خەلق نەقەدەر بەختلىكتۇر!