143
‏1 داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
ئەي پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغىن،
پەريادلىرىمغا قۇلاق سالغىن،
ۋاپادارلىقىڭ ۋە ھەققانىيلىقىڭ بىلەن ماڭا جاۋاب بەرگىن.
‏2 سېنىڭ ئالدىڭدا ھەرقانداق تىرىك جان گۇناھسىز بولمىغاچقا،
خىزمەتكارىڭنى سوراققا تارتمىغىن.
 
‏3 دۈشمەن جېنىمنى قوغلاپ،
ھاياتىمنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.
ئۇ مېنى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغان كىشىلەردەك
قاراڭغۇ يەرگە ياتقۇزۇپ قويدى.
‏4 شۇڭا روھىم ئىچىمدە سىقىلىپ كەتتى،
ئىچىمدە كۆڭلۈم گاڭگىراپ قالدى.
 
‏5 مەن قەدىمكى كۈنلەرنى ئەسلەپ،
سېنىڭ ھەممە قىلغان ئىشلىرىڭ ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىمەن،
قوللىرىڭنىڭ قىلغانلىرىنى ئەسلەپ خىيال قىلىمەن.
‏6 ساڭا قاراپ قوللىرىمنى كۆتۈرىمەن،
چاڭقىغان قاقاس زېمىندەك جېنىم ساڭا تەشنادۇر.
سېلاھ.
 
‏7 ماڭا تېز جاۋاب بەرگىن، ئەي پەرۋەردىگار،
چۈنكى روھىم ھالىدىن كەتتى.
يۈزۈڭنى مەندىن يوشۇرمىغىن،
بولمىسا مەن گۆرگە چۈشۈپ كەتكەنلەرگە قوشۇلىمەن.
‏8 مېھىر-شەپقىتىڭنى تاڭ سەھەردە ماڭا ئاڭلاتقىن،
چۈنكى ساڭا تايىنىمەن.
ماڭىدىغان يولۇمنى ماڭا كۆرسەتكىن،
چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ.
 
‏9 ئەي پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىمدىن مېنى قۇتقۇزغىن.
مەن سېنىڭ يېنىڭغا پاناھ ئىزدەپ كېلىمەن.
‏10 سېنىڭ ئىرادەڭنى ئورۇنلاشنى ماڭا ئۆگەتكىن،
چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن.
سېنىڭ مېھرىبان روھىڭ مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىسۇن.
‏11 ئۆز نامىڭ ئۈچۈن مېنى جانلاندۇرغىن، ئەي پەرۋەردىگار،
ھەققانىيلىقىڭ بىلەن جېنىمنى قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرغىن.
‏12 مېھىر-شەپقىتىڭ بىلەن دۈشمەنلىرىمنى يوقىتىۋەتكىن،
جېنىمنى ئازابقا سالغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلغىن،
چۈنكى مەن سېنىڭ خىزمەتكارىڭدۇرمەن.