142
1 داۋۇد يازغان نەزمە. داۋۇد غاردا تۇرغاندا ئوقۇغان دۇئاسى. 2 ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ پەرياد قىلىمەن پەرۋەردىگارغا،
ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىمەن.
3 دەردلىرىمنى ئۇنىڭ ئالدىدا تۆكۈپ،
ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىمەن.
4 روھىم ئىچىمدە سىقىلغاندا، سەن يولۇمنى بىلىپ تۇرىسەن.
مەن ماڭغان يولدا ئۇلار ماڭا تۇزاق قۇردى.
5 مانا، قارا ئوڭ تەرىپىمگە،
ھېچكىم ماڭا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
مېنىڭ بارىدىغان پاناھگاھىم يوق،
جېنىمغا ھېچكىمنىڭ ئىچى ئاغرىمايدۇ.
6 مەن، ئەي پەرۋەردىگار، ساڭا نالە قىلىمەن:
«سەن مېنىڭ پاناھىمسەن،
تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا سەن نېسىۋەمسەن» دەيمەن.
7 پەريادىمغا قۇلاق سالغىن،
چۈنكى ھېچ كۈچۈم قالمىدى.
كەينىمگە چۈشكەنلەردىن مېنى قۇتقۇزغىن،
چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر.
8 سېنىڭ نامىڭغا شۈكۈر ئېيتىشىم ئۈچۈن،
جېنىمنى زىنداندىن چىقارغىن.
ماڭا مېھرىبانلىق كۆرسەتكىنىڭدە،
ھەققانىيلار ئەتراپىمغا ئولىشىدۇ.