141
1 داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. ئەي پەرۋەردىگار، ساڭا نالە قىلىمەن، يېنىمغا تېز كەلگىن.
ساڭا پەرياد قىلغىنىمدا، ئاۋازىمنى ئاڭلىغىن.
2 مېنىڭ دۇئايىم ساڭا خۇشبۇي ئىسرىقتەك بولسۇن،
قول كۆتۈرۈشۈم ئاخشاملىق قۇربانلىقىدەك بولسۇن.
3 لەۋلىرىمگە قاراۋۇل قويغىن، ئەي پەرۋەردىگار،
لەۋلىرىمنىڭ دەرۋازىسىنى ساقلىغىن.
4 مېنىڭ كۆڭلۈمنى يامان ئىشقا مايىل بولۇشتىن،
مېنى ئەسكىلىك قىلغۇچىلارغا قوشۇلۇپ
ئۇلارنىڭ يامانلىقىغا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن ساقلىغىن.
ئۇلارنىڭ لەززەتلىك تاماقلىرىدىن ھەرگىز يېگۈزمىگىن.
5 ھەققانىي ئادەم مېنى ئۇرسۇن،
بۇ ماڭا مېھرىبانلىقتۇر.
ئۇ مېنى تەربىيىلىسۇن،
بۇ ماڭا ئېسىل ياغدەكتۇر،
بېشىم ئۇنىڭ تەنبىھىنى رەت قىلمايدۇ.
چۈنكى مېنىڭ دۇئالىرىم ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىغا قارشىدۇر.
6 ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى قىيالاردىن تاشلىۋېتىلگەندە،
خەلق سۆزۈمنى ئاڭلايدۇ، چۈنكى سۆزلىرىم يېقىملىقتۇر.
7 خۇددى يەر ھەيدىلىپ قومۇرۇلغاندەك،
بىزنىڭ سۆڭەكلىرىمىز ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاغزىغا چېچىۋېتىلدى.
8 لېكىن، ئەي رەببىم پەرۋەردىگار،
كۆزۈم سەندە، ساڭا تايىنىمەن.
جېنىمنى پاناخسىز قالدۇرمىغىن.
9 ئۇلارنىڭ ماڭا قۇرۇپ قويغان توزىقىدىن مېنى ساقلىغىن،
يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاپقانلىرىدىن مېنى قۇتقۇزغىن.
10 يامانلار ئۆزىنىڭ تورىغا چۈشكەي.
مەن بولسام قۇتۇلۇپ ئۆتۈپ كېتەي.