140
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 مېنى رەزىلللەردىن، ئەي پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغىن،
زوراۋانلاردىن ساقلىغىن.
‏3 ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يامانلىق ئويلاپ،
ھەر كۈنى جېدەل چىقىرىدۇ.
‏4 ئۇلار تىللىرىنى يىلاننىڭكىدەك ئۆتكۈر قىلار،
لەۋلىرىنىڭ ئىچىدە يىلاننىڭ زەھىرى باردۇر.
سېلاھ.
 
‏5 ئەي پەرۋەردىگار، يامانلارنىڭ قوللىرىدىن مېنى قۇتقۇزغىن،
مېنى يىقىتىشنى قەستلەيدىغان زوراۋانلاردىن مېنى ساقلىغىن.
‏6 تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن يوشۇرۇن قىلتاق قۇردى.
ئۇلار تانىلارنى تارتىپ، يولنىڭ چېتىدە تور يېيىپ، قاپقان قۇردى.
سېلاھ.
 
‏7 مەن پەرۋەردىگارغا:
«سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن» دېدىم.
ئەي پەرۋەردىگار، نالە-پەريادلىرىمغا قۇلاق سالغىن.
‏8 ئەي نىجاتلىقىمنىڭ كۈچى بولغان رەببىم پەرۋەردىگار،
جەڭ كۈنىدە بېشىمنى قوغدىغىن.
‏9 ئەي پەرۋەردىگار، يامانلارنىڭ تىلەكلىرىنى ئىجابەت قىلمىغىن،
يامان نىيەتلىرىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغىمۇ يول قويمىغىن.
بولمىسا ئۇلار كىبىرلىنىدۇ.
سېلاھ.
 
‏10 مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ لەۋلىرىدىن چىققان ھاقارەتلىرى
ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا كەلسۇن.
‏11 قىزىتىلغان چوغلار ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرۇلسۇن،
ئۇلار ئوتلارغا، قايتا چىقالمايدىغان چوڭقۇر ھاڭلارغا تاشلىۋېتىلسۇن.
‏12 چېقىمچىلىق قىلغۇچىلارغا يەر يۈزىدە ئورۇن بولمىسۇن،
بالا-قازا زوراۋانلارنى قوغلاپ يىقىتىلسۇن.
‏13 بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئېزىلگەنلەرنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ،
مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى قوغدايدۇ.
‏14 شۈبھىسىز، ھەققانىيلار سېنىڭ نامىڭغا شۈكۈر ئېيتىدۇ،
دۇرۇسلار سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا ياشايدۇ.