139
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. ئەي پەرۋەردىگار، سەن مېنى سىنىدىڭ ۋە تونۇدۇڭ،
2 سەن مېنىڭ قاچان قوپۇشۇمنى، قاچان ئولتۇرۇشۇمنى بىلىسەن.
سەن مېنىڭ ئوي-خىياللىرىمنى يىراقتىنلا چۈشىنىسەن.
3 ماڭساممۇ، ياتساممۇ سەن مېنى كۆرۈپ تۇرىسەن،
مېنىڭ ھەممە يوللىرىم ساڭا ئاياندۇر.
4 سۆز تىلىمدىن چىقماستىن بۇرۇن، ئەي پەرۋەردىگار،
سەن ئۇنى تامامەن بىلىسەن.
5 سەن مېنى ئارقامدىن ۋە ئالدىمدىن ئوراپ تۇرىسەن،
قولۇڭنى ئۈستۈمگە قويىسەن.
6 سېنىڭ بىلىمىڭ ماڭا ئاجايىپ كۆرۈنىدۇ،
ئۇ شۇنچە چوڭقۇر، ئۇنىڭغا ئەقلىم يەتمەيدۇ.
7 سېنىڭ روھىڭدىن ئايرىلىپ، نەگە باراي؟
ھۇزۇرۇڭدىن چىقىپ، نەگە قاچاي؟
8 ئاسمانغا چىقسام، سەن ئۇ يەردە بولىسەن،
ئۆلۈكلەر دىيارىدا ئورۇن سالسام، سەن ئۇ يەردىمۇ بولىسەن.
9 سەھەرنىڭ قاناتلىرىنى ئېلىپ ئۇچسام،
دېڭىزنىڭ چەتلىرىگە بېرىپ ماكان تۇتسام،
10 ئۇ يەردىمۇ سېنىڭ قولۇڭ مېنى يېتەكلەيدۇ،
ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلەيدۇ.
11 قاراڭغۇلۇق مېنى قاپلىۋالسۇن،
چۆرەمدىكى ئايدىڭلىق كېچە بولسۇن دېسەممۇ،
12 قاراڭغۇلۇق سېنىڭدىن يوشۇرۇنالمايدۇ،
كېچىمۇ ساڭا كۈندۈزدەك يورۇق،
قاراڭغۇلۇق ساڭا ئايدىڭلىقتەكتۇر.
13 چۈنكى سەن مېنىڭ ئىچ-باغرىمنى ياسىدىڭ،
ئانامنىڭ قورسىقىدا ماڭا شەكىل بەردىڭ.
14 مەن ئاجايىپ تەرىقىدە يارىتىلغىنىم ئۈچۈن،
ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن.
سېنىڭ ئىشلىرىڭ ئاجايىپتۇر،
بۇنى جېنىم ئوبدان بىلىدۇ.
15 مەن يوشۇرۇن جايدا ياسالغىنىمدا،
قورساقنىڭ چوڭقۇرىدا شەكىلگە كىرگىنىمدە،
ۋۇجۇدۇم سەندىن يوشۇرۇلغان ئەمەس ئىدى.
16 سېنىڭ كۆزلىرىڭ تېخى تىزىلمىغان ئۇستىخانلىرىمنى كۆردى.
كۈنلىرىمنىڭ ھەممىسى،
ئۇلارنىڭ تېخى بىرىسىمۇ بولمىغان چاغدا،
سېنىڭ كىتابىڭدا يېزىقلىق ئىدى.
17 سېنىڭ ئويلىرىڭ ماڭا شۇنچە ئۇلۇغ كۆرۈنىدۇ،
ئەي خۇدا، ئۇلارنىڭ سانى يوقتۇر.
18 مەن ئۇلارنى ساناي دېسەم، قۇملاردىنمۇ كۆپتۇر.
ئويغانساممۇ، مەن يەنە سېنىڭ بىلەن بىللىدۇرمەن.
19 ئەي خۇدا، كاشكى سەن يامانلارنى ئۆلتۈرسەڭ ئىدىڭ.
ئەي قانخورلار، مەندىن يىراق تۇرۇڭلار.
20 ئۇلار ساڭا قارشى يامان نىيەتتە سۆزلەيدۇ،
دۈشمەنلىرىڭ سېنىڭ نامىڭنى تىلغا ئېلىپ نالايىق سۆز قىلىدۇ.
21 ئەي پەرۋەردىگار، سېنى ئۆچ كۆرگۈچىلەرنى مەن قانداقمۇ ئۆچ كۆرمەي؟
ساڭا قارشىلاردىن مەن قانداقمۇ نەپرەتلەنمەي؟
22 ئۇلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۆچ بولىمەن.
ئۇلارنى ئۆز دۈشمەنلىرىم دەپ سانايمەن.
23 مېنى تەكشۈرگىن، ئەي خۇدا، قەلبىمنى بىلگىن.
مېنى سىنىغىن، ئوي-خىياللىرىمنى بىلگىن.
24 مەن يامان يولدا مېڭىپ قالدىممۇ؟
سەن تەكشۈرۈپ كۆرگىن
ۋە مېنى مەڭگۈلۈك يولۇڭغا يېتەكلىگىن.