138
1 داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا شۈكۈر ئېيتىپ،
ئىلاھلارنىڭ ئالدىدا ساڭا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن.
2 مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ تەرەپكە بۇرۇلۇپ سەجدە قىلىمەن،
مېھىر-شەپقىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭ ئۈچۈن نامىڭغا شۈكۈر ئېيتىمەن،
چۈنكى سەن سۆزۈڭ ۋە نامىڭنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلدىڭ.
3 مەن ساڭا دۇئا قىلغان كۈندە سەن ماڭا جاۋاب بەردىڭ،
جېنىمغا كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ، مېنى جاسارەتلەندۈردۈڭ.
4 يەرنىڭ ھەممە پادىشاھلىرى، ئەي پەرۋەردىگار،
ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ساڭا شۈكۈر ئېيتسۇن.
5 پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۇلۇغ بولغاچ،
ئۇلار ئۇنىڭ يوللىرى توغرىسىدا ناخشا ئېيتسۇن.
6 پەرۋەردىگار قانچە ئېگىز بولسىمۇ،
كەمتەرلەرنىڭ ھالىغا نەزەر سالىدۇ،
تەكەببۇرلارنى بولسا يىراقتىن تونۇيدۇ.
7 ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئارىسىدا ماڭساممۇ سەن مېنى جانلاندۇرىسەن،
دۈشمەنلىرىمنىڭ غەزىپىنى توسۇشقا قولۇڭنى ئۇزىتىسەن.
ئوڭ قولۇڭ مېنى قۇتقۇزىدۇ.
8 پەرۋەردىگار ئىشلىرىمنى پۈتكۈزىدۇ.
ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ مېھىر-شەپقىتىڭ ئەبەدكىچە بولىدۇ.
ئۆز قوللىرىڭنىڭ ئىشلىرىنى تاشلىمىغىن.