137
1 بىز بابىل دەريالىرىنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ، سىئوننى ئەسلەپ يىغلاشتۇق.
2 ئۇ يەردىكى سۆگەتلەرگە لىرالىرىمىزنى ئېسىپ قويدۇق.
3 چۈنكى بىزنى ئەسىر قىلغانلار ناخشا ئېيتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى.
بىزگە زۇلۇم سالغۇچىلار:
«سىئوننىڭ ناخشىلىرىدىن بىرىنى ئېيتىپ بېرىڭلار» دەپ
بىزدىن ئويۇن-تاماشا تەلەپ قىلىپ بىزنى قىينىدى.
4 ئەمما بىز قانداقمۇ بىر يات يۇرتتا
پەرۋەردىگارنىڭ ناخشىسىنى ئېيتالايمىز؟
5 ئەگەر مەن سېنى ئۇنتۇسام يېرۇسالېم،
ئوڭ قولۇم قۇرۇپ كەتسۇن.
6 ئەگەر مەن سېنى ئەسلىمىسەم،
يېرۇسالېمنى ھەممە خۇشاللىقلىرىمدىن ئەۋزەل كۆرمىسەم،
مېنىڭ تىلىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ قالسۇن.
7 ئەي پەرۋەردىگار، يېرۇسالېمغا ئاپەت كەلگەن كۈندە
«ئۇنى تېگى-ئۇلىغىچە بۇزۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار»
دېگەن ئېدوملۇقلاردىن ھېساب ئالغىن.
8 ئەي ۋەيران قىلىنغۇسى بابىل قىزى،
بىزگە قىلغانلىرىڭنى ساڭا قايتۇرغۇچى بەختلىكتۇر! ■
9 سېنىڭ بوۋاقلىرىڭنى ئېلىپ، قورام تاشقا ئۇرۇپ
پارە-پارە قىلغۇچى بەختلىكتۇر!