136
‏1 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر.
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏2 ئىلاھلارنىڭ ئىلاھىغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏3 رەبلەرنىڭ رەببىگە ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏4 يالغۇز ئۆزى ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى ياراتقۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏5 ئاسمانلارنى دانالىق بىلەن ياراتقۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏6 سۇلارنىڭ ئۈستىدە زېمىننى يېيىپ ئورناتقۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏7 كاتتا نۇرلار ياراتقۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏8 كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان قۇياشنى ياراتقۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏9 كېچىنى باشقۇرىدىغان ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ياراتقۇچىغا
ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏10 مىسىرنىڭ تۇنجىلىرىنى ھالاك قىلىپ، زەرب بەرگۈچىگە
ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏11 ئىسرائىلنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقارغۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏12 كۈچلۈك قولى ۋە ئۇزاتقان بىلىكى بىلەن ئۇلارنى ئېلىپ چىققۇچىغا
ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏13 قىزىل دېڭىزنى يېرىپ ئىككىگە بۆلگۈچىگە ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏14 ئىسرائىلنى ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگۈچىگە ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏15 فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى دېڭىزغا غەرق قىلغۇچىغا
ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏16 ئۆز خەلقىنى باشلاپ چۆل-باياۋاندىن ئۆتكۈزگۈچىگە ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏17 بۈيۈك پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلغۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏18 كۈچلۈك پادىشاھلارنى ئۆلتۈرگۈچىگە ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏19 ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى ئۆلتۈرگۈچىگە ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏20 باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى ئۆلتۈرگۈچىگە ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏21 ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ بەرگۈچىگە ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏22 ئۇنى ئۆز خىزمەتكارى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەرگۈچىگە ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏23 خار بولغىنىمىزدا بىزنى ئەسلىگۈچىگە ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏24 دۈشمەنلىرىمىزدىن بىزنى قۇتقۇزغۇچىغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.
‏25 بارلىق جانلىقلارغا ئوزۇق بەرگۈچىگە ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.   
‏26 ئاسمانلارنىڭ خۇداسىغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،
چۈنكى ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەبەدىيدۇر.