135
1 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا مەدھىيە ئوقۇڭلار!
ئەي پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرى، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار.
2 پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە ۋە خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا تۇرغانلار،
ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇڭلار.
3 پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار،
چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر.
ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار،
چۈنكى بۇ ئۆزى شېرىندۇر.
4 چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇبنى ئۆزىگە تاللىدى،
ئىسرائىلنى ئۆزىگە خاس بىر خەلق قىلىپ تاللىدى.
5 بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر،
رەببىمىز ھەممە ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر.
6 پەرۋەردىگار ئاسمان بىلەن زېمىندا،
دېڭىز ۋە تېرەنلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە خالىغىنىنى قىلار
7 ئۇ زېمىننىڭ چەتلىرىدىن بۇلۇتلارنى ئۆرلىتەر،
يامغۇر ياغدۇرۇپ چاقماق چاقتۇرار،
بوراننى خەزىنىسىدىن چىقىرار.
8 ئۇ، مەيلى ئىنسان بولسۇن، مەيلى ھايۋان بولسۇن،
مىسىرنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى.
9 ئەي مىسىر، ئۇ سېنىڭ ئىچىڭدە فىرەۋن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىغا
كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى.
10 ئۇ كۆپ خەلقلەرنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدى،
قۇدرەتلىك پادىشاھلارنى ئۆلتۈردى.
11 ئۇ ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى ۋە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى،
كەنئاندىكى ھەممە پادىشاھلىقلارنى يوقىتىپ،
12 ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ،
ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىلغا مۈلۈك قىلىپ بەردى.
13 ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ نامىڭ ئەبەدكىچىدۇر.
ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ خاتىرەڭ نەسىلدىن نەسىلگىدۇر.
14 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ئادىل ھۆكۈم قىلىپ،
خىزمەتكارلىرىغا كۆيۈمچانلىق قىلار.
15 ئەللەرنىڭ بۇتلىرى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ئىبارەتتۇر،
ئۇلارنى ئىنسان قوللىرى ياسىغاندۇر.
16 ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى بولسىمۇ سۆزلىيەلمەس،
كۆزلىرى بولسىمۇ كۆرەلمەس،
17 ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بولسىمۇ ئاڭلىيالماس،
ئېغىزلىرىدا نەپەس بولماس.
18 ئۇلارنى ياسىغۇچىلار ۋە ئۇلارغا تايانغۇچىلار
ئۇلارغا ئوخشاپ بولار.
19 ئەي ئىسرائىل جەمەتى،
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار.
ئەي ھارۇن جەمەتى،
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار.
20 ئەي لاۋىي جەمەتى،
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار.
ئەي پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار،
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار.
21 يېرۇسالېمدا ماكانلاشقان پەرۋەردىگارغا
سىئوندىن ھەمدۇسانا ئېيتىلسۇن.
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!