134
1 يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى. ئەي كېچىسى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە تۇرۇپ
پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغانلارنىڭ ھەممىسى،
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار.
2 قوللىرىڭلارنى مۇقەددەس جاينىڭ تەرىپىگە كۆتۈرۈپ،
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار.
3 ئاسمان بىلەن يەرنى ياراتقان پەرۋەردىگار
سىئوندىن ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلغاي.