133
1 داۋۇد يازغان «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى». مانا، قېرىنداشلار بىللە بولسا ۋە بىللە ئولتۇرسا،
نەقەدەر ياخشى ۋە گۈزەلدۇر.
2 بۇ ھارۇننىڭ بېشىدىن ئۇنىڭ ساقىلىغا ئېقىپ چۈشۈپ،
لىباسىنىڭ ياقىسىغا تامغان قىممەت باھا ياغدەك بولار.
3 بۇ سىئون تاغلىرىغا چۈشىدىغان خەرموننىڭ شەبنىمىگە ئوخشار،
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇ يەردە بەرىكەت بېرىپ، ئەبەدىي ھايات ئاتا قىلار.