132
‏1 يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى.
ئەي پەرۋەردىگار، يادىڭغا ئالغايسەن داۋۇدنى
ۋە ئۇنىڭ تارتقان ھەممە جاپالىرىنى.
‏2 ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ،
ياقۇبنىڭ ھەممىگە قادىر خۇداسى ئالدىدا ۋەدە قىلىپ
مۇنداق دېگىنىنى ئەسكە ئالغىن:
‏3 «مەن ھەرگىز ئولتۇرغان ئۆيۈمگە كىرىپ، ئورنۇمدا ياتمايمەن،
‏4 كۆزلىرىمنى ئۇيقۇغا كەتكۈزمەيمەن،
كىرپىكلىرىمنىمۇ يۇممايمەن،
‏5 تاكى تاپمىغۇچە پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر تۇرار جاينى،
ياقۇبنىڭ ھەممىگە قادىر خۇداسى ئۈچۈن بىر ماكاننى.
 
‏6 مانا، بىز ئەفراتادا ئەھدە ساندۇقى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق،
يائارنىڭ ئېتىزلىرىدىن ئۇنى تاپتۇق.
‏7 ئەمدى ئۇنىڭ ئۆيلىرىگە كىرەيلى،
ئۇنىڭ ئايىغىغا سەجدە قىلايلى.
 
‏8 ئەي پەرۋەردىگار، قۇدرىتىڭنىڭ ئەھدە ساندۇقۇڭ بىلەن،
ئۆز ئارامگاھىڭغا چىقىپ كىرگىن.   
‏9 كاھىنلىرىڭ ھەققانىيلىقنى يېپىنسۇن،
تەقۋادارلىرىڭ خۇشاللىق ئاۋاز بىلەن شادلانسۇن.
 
‏10 خىزمەتكارىڭ داۋۇدنىڭ خاتىرىسىنى قىلىپ،
ئۆزۈڭ تاللاپ مەسىھلىگىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرۇۋەتمىگىن.
‏11 ھەرگىز قەسىمىدىن يانمايدىغان پەرۋەردىگار
داۋۇدقا چىڭ قەسەم قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«ۋۇجۇدۇڭنىڭ مېۋىسىدىن بولغاننى
سېنىڭ تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىمەن.
‏12 ئەگەر ئوغۇللىرىڭ مېنىڭ ئەھدەمگە ۋاپا قىلسا
ۋە مەن ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان يوليورۇقلىرىمنى ساقلىسا،
ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىمۇ ئەبەدكىچە سېنىڭ تەختىڭدە ئولتۇرىدۇ».
 
‏13 چۈنكى پەرۋەردىگار سىئوننى تاللاپ،
ئۆزىگە ماكان قىلىش ئۈچۈن ئۇنى خالىغاندۇر.
‏14 ئۇ ئۇنىڭ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:
«بۇ ئەبەدكىچە مېنىڭ ئارامگاھىمدۇر،
بۇ جاينى خالىغاچقا، مەن شۇ يەردە تۇرىمەن.
‏15 ئۇنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىمەن،
يوقسۇللىرىنى نان بىلەن تويدۇرىمەن.
‏16 ئۇنىڭ كاھىنلىرىغا نىجاتلىقنى كىيدۈرىمەن.
ئۇنىڭ تەقۋادارلىرى تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭرىتىدۇ.
‏17 ئۇ يەردە مەن داۋۇد ئۈچۈن بىر مۈڭگۈزنى ئۆستۈرىمەن،
ئۆزۈم تاللاپ مەسىھلىگىنىمگە بىر چىراغنى بېكىتكەنمەن.
‏18 ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى شەرمەندىلىك بىلەن ياپىمەن.
ئەمما ئۇنىڭ بېشىدىكى تاجى پارقىرايدىغان بولىدۇ».