131
‏1 داۋۇد يازغان «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى».
ئەي پەرۋەردىگار، مەن كۆڭلۈمدە تەكەببۇرلۇق قىلمايمەن،
نەزىرىمنىمۇ ئۈستۈن تۇتمايمەن.
مەن چوڭ ئىشلار ۋە ئەقلىم يەتمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن شۇغۇللانمايمەن.
‏2 ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا تويغۇچە ئەمگەن بالىدەك
ئۆز جېنىمنى تىنچلاندۇردۇم ئەمەسمۇ؟
جېنىم ئىچىمدە تويغۇچە ئەمگەن بالىدەكتۇر.
‏3 ئىسرائىل ھازىردىن ئەبەدكىچە پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىسۇن.