130
1 يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى. ئەي پەرۋەردىگار، چوڭقۇر ئازاب ئىچىدىن ساڭا پەرياد قىلىمەن.
2 ئەي رەببىم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغىن،
نالە-پەريادلىرىمغا قۇلاق سالغىن.
3 ئەگەر سەن، ئەي پەرۋەردىگار، يامان ئىشلاردىن ھېساب ئالساڭ،
ئەي رەببىم، سېنىڭ ئالدىڭدا كىم تۇرالايدۇ؟
4 ئەمما سەندە ئەپۇ باردۇر،
شۇڭا ئىنسان سەندىن ئەيمىنىدۇ.
5 مەن پەرۋەردىگارنى ئىنتىزار بىلەن كۈتىمەن،
جېنىم ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلاپ كۈتىدۇ.
ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلايمەن.
6 جېسەكچى سەھەرنى كۈتۈپ تۇرغاندەك،
كۆزەتچى تاڭ ئېتىشىغا تەلمۈرۈپ تۇرغاندەك،
جېنىم رەببىمگە تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ.
7 ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىسۇن.
چۈنكى پەرۋەردىگاردا مېھىر-شەپقەتلىك ۋە زور نىجاتلىق باردۇر.
8 ئۇ ئىسرائىلنى ھەممە گۇناھلىرىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ.