129
1 يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى. ئەمدى ئىسرائىل مۇنداق دېسۇن:
«ئۇلار كىچىكىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە
كۆپ قېتىم ماڭا زۇلۇم قىلىپ كەلدى.
2 ئۇلار ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە
كۆپ قېتىم ماڭا زۇلۇم قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ،
بىراق ئۈستۈمدىن غەلىبە قىلالمىدى.
3 قوش ھەيدىگۈچىلەر يەر ئاغدۇرۇپ ئۇزۇن چۆنەكلەر تارتقاندەك،
ئۇلار دۈمبەمدە ئۇزۇن ئىزلار قالدۇردى.
4 پەرۋەردىگار ئادىلدۇر،
ئۇ يامانلارنىڭ باغلىرىنى كېسىۋەتتى.
5 بارلىق سىئوندىن نەپرەتلەنگۈچىلەر
شەرمەندە بولۇپ كېينىگە ياندۇرۇلسۇن.
6 ئۇلار ئۆگزىدە ئۈنۈپ چىقىپ،
يوغانماي تۇرۇپ قۇرۇپ كېتىدىغان چۆپكە ئايلانسۇن.
7 ئورمىچى ئالىقىنىنى،
باغلام باغلىغۇچى قۇچىقىنى تولدۇرالماس ئۇلار بىلەن.
8 ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئۇلارغا:
«پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي،
پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سىلەرگە بەرىكەت تىلەيمىز» دېمەس.