128
‏1 يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى.
 
پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان،
ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭىدىغان كىشى
نەقەدەر بەختلىكتۇر.
‏2 سەن ئۆز قوللىرىڭنىڭ مېھنىتىدىن يەيسەن،
روناق تېپىپ بەختلىك بولىسەن.
‏3 ئايالىڭ ئۆيۈڭدە ھوسۇللۇق ئۈزۈم تېلىدەك بولىدۇ،
بالىلىرىڭ زەيتۇن نوتىلىرىدەك داستىخىنىڭنىڭ چۆرىسىدە تىزىلىپ ئولتۇرىدۇ.
‏4 مانا، پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان كىشى
ئەنە شۇنداق بەرىكەتكە ئېرىشىدۇ.
‏5 پەرۋەردىگار سىئوندىن ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.
ئۆمۈر بويى يېرۇسالېمنىڭ باياشاتلىقىنى كۆرىسەن.
‏6 بالىلىرىڭنىڭ بالىلىرىنىمۇ كۆرگەيسەن.
ئىسرائىلغا تىنچ-ئامانلىق بولغاي.