127
1 سۇلايمان يازغان «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى». پەرۋەردىگار ئۆينى ئۆزى سالمىسا،
ئۆي سالغۇچىنىڭ قىلغان ئىشلىرى بىكاردۇر.
پەرۋەردىگار شەھەرنى ئۆزى قوغدىمىسا،
قاراۋۇلنىڭ سەگەك تۇرغىنى بىكاردۇر.
2 سەھەر قوپۇپ، كەچ ياتقىنىڭلار
ۋە مۇشەققەتتە نان تېپىپ يېگىنىڭلار بىكاردۇر،
چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگەنلىرىگە
ئۇخلاۋاتقاندىمۇ رىزقىنى بېرىدۇ.
3 مانا، بالىلار پەرۋەردىگار بەرگەن مىراستۇر،
بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى ئۇنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىدۇر.
4 كىشىنىڭ ياشلىقىدا تاپقان ئوغۇللىرى
پالۋاننىڭ قولىدىكى يا ئوقلىرىدەكتۇر.
5 ئوقدانىنى مۇنداقلار بىلەن تولدۇرغان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر!
ئۇلار دەرۋازا ئالدىدا دۈشمەنلىرى بىلەن سۆزلەشكىنىدە،
شەرمەندە بولماس.