126
1 يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى. پەرۋەردىگار سىئوننىڭ ئەسىرلىرىنى قايتۇرۇپ كەلگىنىدە،
بىز گويا چۈش كۆرگەندەك بولدۇق.
2 ئاغزىمىز كۈلكە بىلەن تولدى،
تىلىمىز ناخشا ئېيتىپ شادلاندى.
خەلقلەر ئارىسىدىكىلەر:
«پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلدى» دېيىشتى.
3 پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن كاتتا ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن شادلاندۇق.
4 ئېقىنلار جەنۇبتىكى قۇرۇق زېمىننى ئۆزگەرتكەندەك،
چۈشكۈن ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتكىن، ئەي پەرۋەردىگار. ■
5 كۆز ياشلىرى بىلەن تېرىغانلار
شادلىق ئىچىدە ئورار.
6 ئۇرۇق خالتىسىنى كۆتۈرۈپ يىغلاپ يۈرگەن كىشى،
خۇشاللىق بىلەن ئورىغان باغلاملىرىنى كۆتۈرۈپ كېلەر.