125
‏1 يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى.
 
پەرۋەردىگارغا تايانغۇچىلار تەۋرەنمەيدىغان،
ئەبەدكىچە مەزمۇت تۇرىدىغان سىئون تېغىدەكتۇر.
‏2 يېرۇسالېم تاغلار بىلەن قورشالغاندەك،
پەرۋەردىگار ھازىردىن ئەبەدكىچە ئۆز خەلقىنى قورشاپ تۇرىدۇ.
‏3 ھەققانىيلار قوللىرىنى يامانلىققا سوزمىسۇن دەپ،
يامانلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىسى
ھەققانىيلارنىڭ مىراس نېسىۋىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ قالماس.
‏4 ئەي پەرۋەردىگار، مېھرىبانلىق قىلغىن
مېھرىبانلار ۋە كۆڭلى دۇرۇس بولغانلارغا.
‏5 ئەمما پەرۋەردىگار ئەگرى يوللارغا كىرگەنلەرنى،
ئەسكىلىك قىلغۇچىلار بىلەن بىللە قوغلايدۇ.
ئىسرائىلغا تىنچ-ئامانلىق بولغاي.