124
‏1 داۋۇد يازغان «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى».
 
ئەمدى ئىسرائىل مۇنداق دېسۇن:
«ئەگەر پەرۋەردىگار بىزنىڭ تەرىپىمىزدە بولمىغان بولسا،
‏2 كىشىلەر بىزگە قارشى قوپقىنىدا
پەرۋەردىگار بىزنىڭ تەرىپىمىزدە بولمىغان بولسا،
‏3 ئۇلارنىڭ غەزىپى ئۈستىمىزگە چۈشكەندە،
ئۇلار بىزنى تىرىك يۇتۇۋېتەر ئىدى.
‏4 سۇلار بىزنى بېسىپ كېتەر ئىدى،
سەللەر جېنىمىزنىڭ ئۈستىدىن ئۆتەر ئىدى.
‏5 سۇلارنىڭ دولقۇنلىرى جېنىمىزدىن ئاشار ئىدى».
 
‏6 ھەمدۇسانا بولغاي
بىزنى ئۇلارنىڭ چىشلىرىغا يەم قىلمىغان پەرۋەردىگارغا!
‏7 جېنىمىز قىلتاقچىلارنىڭ قىلتىقىدىن قېچىپ كەتكەن قۇشقاچتەك قۇتۇلدى.
قىلتاق ئۈزۈلۈپ، بىز قۇتۇلدۇق.
‏8 بىزنىڭ ياردىمىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىدۇر،
ئاسمان بىلەن يەرنى ياراتقۇچىنىڭ نامىدىدۇر.