123
‏1 يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى.
 
بېشىمنى كۆتۈرۈپ ساڭا قارايمەن،
ئەي ئەرشتە تۇرغۇچى.
‏2 مانا، قۇللارنىڭ كۆزلىرى خوجىسىنىڭ قولىغا
تەلمۈرۈپ قارىغاندەك،
دېدەكنىڭ كۆزلىرى ئۆز ئاغىچا خېنىمىنىڭ قولىغا
تەلمۈرۈپ قارىغاندەك،
بىزنىڭ كۆزلىرىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا،
ئۇ بىزگە شەپقەت كۆرسەتكۈچە، تەلمۈرۈپ قارايدۇ.
‏3 بىزگە رەھىم قىلغىن، ئەي پەرۋەردىگار،
بىزگە رەھىم قىلغىن.
بىز خورلۇقنى يەتكۈچە تارتتۇق.
‏4 جېنىمىز كۆرەڭلەرنىڭ مەسخىرىسىدىن جاق تويدى،
تەكەببۇرلارنىڭ خورلۇقىنى يەتكۈچە تارتتى.