122
‏1 داۋۇد يازغان «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى».
 
ئۇلار ماڭا: «پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە بارايلى» دېگىنىدە، مەن شادلاندىم.
‏2 ئەي يېرۇسالېم، پۇتلىرىمىز دەرۋازىلىرىڭنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ.
‏3 ئەي يېرۇسالېم، سەن رەتلىك سېلىنغان بىر شەھەرسەن.
‏4 قەبىلىلەر ئۇ يەرگە چىقىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ قەبىلىلىرى ئىسرائىلغا بېرىلگەن بۇيرۇق بويىچە
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە چىقىدۇ.
‏5 چۈنكى ئۇ يەردە ھۆكۈم چىقىرىش تەختلىرى،
داۋۇد جەمەتىنىڭ تەختلىرى قويۇلغان.
‏6 يېرۇسالېمنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار.
سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپسۇن.
‏7 سېپىللىرىڭ ئىچىدە ئامانلىق بولسۇن،
ئوردا-سارايلىرىڭ ئاۋات بولسۇن.
‏8 مەن قېرىنداشلىرىم ۋە دوستلىرىم ئۈچۈن:
«ئىچىڭ تىنچ-ئامان بولسۇن» دەيمەن.
‏9 پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ بەيتى ئۈچۈن،
ساڭا ياخشىلىق تىلەيمەن.