121
‏1 يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى.
 
بېشىمنى كۆتۈرۈپ تاغلارغا قارايمەن.
ماڭا ياردەم قەيەردىن كېلەر؟
‏2 ماڭا ياردەم ئاسمان بىلەن يەرنى ياراتقان پەرۋەردىگاردىن كېلەر.
‏3 ئۇ پۇتۇڭ تېيىلىپ كېتىشىگە يول قويماس،
سېنى ساقلىغۇچى مۈگدەپ قالماس.
‏4 مانا، ئىسرائىلنىڭ ساقلىغۇچىسى مۈگدەپ قالمايدۇ ۋە ئۇخلىمايدۇ.
‏5 سېنى ساقلىغان پەرۋەردىگاردۇر،
پەرۋەردىگار ئوڭ يېنىڭدىكى سايىۋىنىڭدۇر.
‏6 كۈندۈزى قۇياش، كېچىسى ئاي ساڭا زەرەر يەتكۈزمەس.
‏7 پەرۋەردىگار سېنى ھەر بالادىن ساقلار،
ئۇ جېنىڭنى ئامان ساقلار.
‏8 پەرۋەردىگار سېنىڭ چىقىشىڭنى ۋە كىرىشىڭنى
ھازىردىن باشلاپ ئەبەدكىچە ساقلار.