120
1 يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى. مەن ئازاب-ئوقۇبەتتە قالغىنىمدا،
پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەردى. ■
2 ئەي پەرۋەردىگار، جېنىمنى يالغانچى لەۋلەردىن ساقلىغىن،
ئالدامچى تىلدىن قۇتقۇزغىن.
3 ساڭا نېمە بېرەر ۋە نېمە قوشار، ئەي ئالدامچى تىل؟
4 پالۋاننىڭ ئۆتكۈر يا ئوقلىرى ۋە ئارچىنىڭ چوغلىرى ساڭا تەگسۇن!
5 ھالىمغا ۋاي، چۈنكى مەشەكتە مۇساپىر بولدۇم،
قېدارنىڭ چېدىرلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشاپ قالدىم.
6 شۇنچە ۋاقىت تىنچلىقتىن نەپرەتلىنىدىغانلار بىلەن بىللە ياشىدىم.
7 مەن تىنچلىقپەرۋەرمەن،
ئەمما مەن سۆزلەۋاتقاندا ئۇلار ئۇرۇشماقچى بولىدۇ.