2
1 نېمىشقا ئەللەر غوۋغا چىقىرىدۇ؟ نېمىشقا خەلقلەر قۇرۇق خىيال سۈرىدۇ؟
2 دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى سەپكە تىزىلىپ،
ھۆكۈمدارلار پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ تاللاپ مەسىھلىگىنىگە قارشى بىرلىشىپ:
3 «چېقىپ تاشلايلى ئۇلار سالغان كىشەنلەرنى،
ئېلىپ تاشلايلى بوينىمىزدىن ئۇلارنىڭ سىرتماقلىرىنى!» دېيىشىدۇ.
4 ئەرشتە ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ.
ئىگىمىز ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ.
5 ئاندىن ئۇ غەزەپ بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ،
قەھرى بىلەن ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ:
6 «مەن مۇقەددەس تېغىم سىئوندا،
ئۆزۈم مەسىھلىگەن پادىشاھىمنى تىكلىدىم» دەيدۇ. ■
7 پەرماننى بايان قىلاي، پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
«سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، بۈگۈن سېنى تۇغۇلدۇردۇم.
8 مەندىن تىلە، ساڭا ئەللەرنى مىراس قىلىپ بېرىمەن،
يەر يۈزىنىڭ تامامى ساڭا تەۋە بولىدۇ.
9 سەن ئۇلارنى تۆمۈر توقماق بىلەن ئۇرۇپ سۇندۇرىسەن،
كۇلالچىنىڭ كوزىسىنى چاققاندەك ئۇلارنى چېقىپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن».
10 ئەمدى، ئەي پادىشاھلار، دانا بولۇڭلار.
ئەي دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارلىرى، ئاگاھ بولۇڭلار.
11 قورقۇنچ بىلەن پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىڭلار،
تىترەك ئىچىدە سۆيۈنۈڭلار.
12 ئوغۇلنى سۆيۈڭلاركى ئۇ سىلەرگە غەزەپلەنمىسۇن.
چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى سەللا قوزغالسا،
يولۇڭلاردا ھالاك بولۇپ كېتىسىلەر.
ئۇنىڭغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر! ■