3
‏1 داۋۇد ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قاچقان ۋاقتىدا يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئەي پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىم نەقەدەر كۆپەيدى.
نۇرغۇنلىرى قارشى چىقتى ماڭا!
‏3 نۇرغۇنلار مەن توغرۇلۇق:
«خۇدادىن ئۇنىڭغا نىجاتلىق يوقتۇر!» دېيىشىدۇ.
سېلاھ.   
 
‏4 ئەمما سەن، ئەي پەرۋەردىگار، ماڭا قالقاندۇرسەن،
مېنىڭ شان-شەرىپىمسەن،
مېنىڭ بېشىمنى كۆتۈرگۈچىسەن.
‏5 ئاۋازىم بىلەن پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىمەن،
ئۇ ماڭا مۇقەددەس تېغىدىن جاۋاب بېرىدۇ.
سېلاھ.
 
‏6 ياتتىم ئۇخلىدىم، يەنە ئويغاندىم،
چۈنكى پەرۋەردىگار مەدەتكار ماڭا.
‏7 قورقماسمەن مېنى قورشاپ سەپ تۈزگەن
تۈمەنلىگەن ئادەمدىن.
 
‏8 قوزغال، ئەي پەرۋەردىگار!
قۇتقۇز مېنى، ئەي خۇدايىم!
ھەممە دۈشمەنلىرىمنىڭ ئېڭىكىگە ئۇرىسەن،
يامانلارنىڭ چىشلىرىنى سۇندۇرىسەن.
‏9 نىجاتلىق پەرۋەردىگاردىندۇر،
خەلقىڭ ئۈستىگە بەرىكىتىڭ قونىدۇ.
سېلاھ.