4
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئەي ھەققانىيلىقىمنىڭ ئىلاھى!
نالە قىلسام ساڭا، جاۋاب بەر ماڭا.
كۈلپەتتە قالغىنىمدا، ئازاد قىلدىڭ مېنى.
شەپقەت قىلىپ ئاڭلا دۇئايىمنى.
 
‏3 ئەي ئىنسان بالىلىرى،
قاچانغىچە مېنىڭ شان-شۆھرىتىمنى دەپسەندە قىلىسىلەر؟
قاچانغىچە قۇرۇق سۆزگە كۆڭۈل بېرىپ،
يالغانچىلىقنى ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟
سېلاھ.
 
‏4 ئەمما بىلىپ قويۇڭلاركى،
پەرۋەردىگار تەقۋادار كىشىنى تاللايدۇ.
مەن ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلسام،
پەرۋەردىگار مېنى ئاڭلايدۇ.
‏5 ئاچچىقلانغىنىڭلاردا ھەم، گۇناھ قىلماڭلار.
ئورنۇڭلاردا يېتىپ ئۆز كۆڭۈللىرىڭلاردا ئويلىنىپ، تىنچلىنىڭلار.
سېلاھ.
 
‏6 ھەققانىيلىقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇڭلار،
ۋە پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار.
 
‏7 نۇرغۇن كىشى: «كىم بىزگە ياخشىلىق كۆرسىتەلەيدۇ؟» دېيىشىدۇ.
ئەي پەرۋەردىگار، يۈزۈڭنىڭ نۇرىنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چاچقىن.
‏8 سەن مېنىڭ كۆڭلۈمگە بەرگەن خۇشاللىق،
ئاشلىق ۋە يېڭى شاراب مول بولغانلارنىڭ خۇشاللىقىدىنمۇ زىيادىدۇر.
‏9 ئامانلىقتا يېتىپ ئۇخلايمەن،
چۈنكى پەقەت سەن، ئەي پەرۋەردىگار،
مېنى تىنچ-ئامانلىقتا ساقلايسەن.