5
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ نەيلەر بىلەن ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. 2 ئەي پەرۋەردىگار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن،
ئاھلىرىمغا كۆڭۈل بۆلگىن.
3 ئەي پادىشاھىم بولغان خۇدايىم، نالەمنى ئاڭلىغىن،
چۈنكى ساڭا دۇئا قىلىمەن.
4 ئەي پەرۋەردىگار، سەھەردە ئاۋازىمنى ئاڭلايسەن.
مەن سەھەردە ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلىمەن،
ساڭا قاراپ تەلمۈرىمەن.
5 سەن يامانلىقنى ياخشى كۆرىدىغان خۇدا ئەمەسسەن.
يامانلىق سەن بىلەن بىرگە تۇرالماس.
6 سەن ئەسكىلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى يامان كۆرىسەن.
تەكەببۇرلار ئالدىڭدا تىك تۇرالماس.
7 ھالاك قىلىسەن يالغان ئېيتقۇچىلارنى.
ئۆچ كۆرىدۇ پەرۋەردىگار قانخور ۋە ھىيلىگەر كىشىلەرنى.
8 ئەمما مېھىر-شەپقىتىڭ ئىنتايىن چوڭ بولغاچ
مەن سېنىڭ بەيتىڭگە كىرىمەن.
مەن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ
ساڭا ئەيمىنىپ سەجدە قىلىمەن.
9 ئەي پەرۋەردىگار، ھەققانىيلىقىڭدا مېنى يېتەكلىگىن،
ئالدىمدىكى يولۇڭنى تۈز قىلغىن،
چۈنكى دۈشمەنلىرىم مېنى پايلاپ تۇرىدۇ.
10 ئۇلارنىڭ ئاغزىدا ھەقىقەت يوقتۇر،
كۆڭلى پەقەت بۇزۇقلۇق بىلەن تولغاندۇر.
ئۇلارنىڭ گېلى ئوچۇق قەبرىدۇر،
ئۇلار تىللىرى بىلەن خۇشامەت قىلىدۇ.
11 ئەي خۇدا، ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغىن.
ئۇلار ئۆز مەسلىھەتلىرى بىلەن يىقىلسۇن.
ئاسىيلىقلىرىنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى ئۇلارنى قوغلىۋەتكىن،
چۈنكى ئۇلار ساڭا قارشى چىققان.
12 ئەمما ساڭا تايانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خۇشال بولسۇن.
سەن ئۇلارنى ساقلىغاچ، ئۇلار ھەمىشە خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلسۇن.
سېنىڭ نامىڭنى ياخشى كۆرگۈچىلەر سېنىڭدىن شادلانسۇن.
13 چۈنكى سەن، ئەي پەرۋەردىگار،
ھەققانىي ئادەمگە بەخت ئاتا قىلىسەن،
قالقان بىلەن ياپقاندەك
ئۇنى شاپائىتىڭ بىلەن قاپلايسەن.