6
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارىلىق سازلار بىلەن شىمىنىت دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئەي پەرۋەردىگار، غەزىپىڭدە مېنى ئەيىبلىمىگىن،
قەھرىڭدە مېنى جازالىمىغىن.
‏3 ئەي پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم قىلغىن،
چۈنكى مەن سولىشىپ كەتتىم.
ئەي پەرۋەردىگار، ماڭا شىپالىق بەرگىن،
چۈنكى ئۇستىخانلىرىم بوشىشىپ تىترەپ كەتتى.
‏4 مېنىڭ جېنىم چۆچۈپ كەتتى.
ئەي پەرۋەردىگار، قاچانغىچە شۇنداق بولىدۇ؟
‏5 قايتىپ كەلگىن، ئەي پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئازاد قىلغىن،
مېھىر-شەپقىتىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزغىن.
‏6 چۈنكى ئۆلۈمدىن كېيىن سېنى ياد ئېتىش يوقتۇر.
ئۆلۈكلەر دىيارىدا كىم ساڭا شۈكۈر ئېيتار؟
 
‏7 مەن نالە قىلىشتىن ھېرىپ كەتتىم.
ھەر كېچىسى ئورنۇمنى نەم قىلىپ،
كۆرپەمنى ياشلىرىم بىلەن ھۆل قىلىمەن.
‏8 كۆزلىرىم دەرد-ئەلەمدىن خىرەلىشىپ،
ھەممە دۈشمەنلىرىمنىڭ دەستىدىن ئاجىزلىشىپ كەتتى.
 
‏9 ئەي ئەسكىلىك قىلغۇچىلار، مەندىن يىراق تۇرۇڭلار
چۈنكى پەرۋەردىگار يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلىدى.
‏10 پەرۋەردىگار پەريادىمغا قۇلاق سالدى.
دۇئايىمنى پەرۋەردىگار ئىجابەت قىلىدۇ.
‏11 دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى
شەرمەندە بولۇپ ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.
ئۇلار بىردىنلا كەينىگە يېنىپ خىجالەتتە قالىدۇ.