7
1 بەنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان كۇشنىڭ قىلغان سۆزى ئۈچۈن داۋۇدنىڭ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ ئېيتقان ناخشىسى. 2 ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىم، ساڭا تايىنىمەن.
مېنى قوغلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزۇپ،
مېنى ئۇلاردىن خالاس قىلغىن.
3 بولمىسا مېنى قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم بولمىغاچقا،
ئۇلار خۇددى شىردەك مېنى تالاپ تىتما-تىتما قىلىدۇ.
4 ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئەگەر مەن بۇلارنى قىلغان بولسام:
ئەگەر قوللىرىمدا ھەقسىزلىك تېپىلسا،
5 مەن بىلەن ئىناق ئۆتكەن كىشىگە يامانلىق قايتۇرغان بولسام،
دۈشمىنىم بولغان كىشىنى سەۋەبسىز قويۇپ بەرگەن بولسام،
6 ئۇنداقتا دۈشمىنىم مېنى قوغلاپ تۇتۇۋالسۇن،
ئۇ جېنىمنى چەيلەپ يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن،
شۆھرىتىمنى توپا-چاڭغا كۆمسۇن.
سېلاھ.
7 ئەي پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ بىلەن قوزغال،
دۈشمەنلىرىمنىڭ قەھرىگە قارشى چىق.
ئويغان مەن ئۈچۈن،
ھۆكۈملەرنى بېكىتكۈچى سەن ئۆزۈڭ.
8 خەلقلەرنىڭ جامائىتى سېنىڭ ئەتراپىڭغا يىغىلغاندا
ئۇلار ئۈچۈن يۇقىرىدىكى دەرگاھىڭغا قايتقايسەن.
9 پەرۋەردىگار خەلقلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
ئەي پەرۋەردىگار، ھەققانىيلىقىمغا يارىشا،
پاكلىقىمغا قاراپ ماڭا ئادىل ھۆكۈم چىقارغىن.
10 رەزىللەرنىڭ يامانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرغىن،
ھەققانىي ئادەمنى مەزمۇت تۇرغۇزغىن.
چۈنكى سەن، ئادىل خۇدا، يۈرەك ۋە بۆرەكنى سىنايسەن. ■
11 مېنىڭ قالقىنىم خۇدادۇر.
ئۇ كۆڭلى دۇرۇسلارنى قۇتقۇزىدۇ.
12 خۇدا ئادىل سوتچىدۇر.
ئۇ ھەر كۈن غەزەپلىنىدىغان خۇدادۇر.
13 بىر كىشى يامان يولىدىن يېنىپ توۋا قىلمىسا،
ئۇ قىلىچىنى بىلەيدۇ ۋە يا ئوقىنى تارتىپ بەتلەپ قويىدۇ.
14 ئۇ ئۇنىڭغا قارشى ئۆلۈم قوراللىرىنى تەييارلاپ قويۇپ،
يا ئوقلىرىنى ئوتلۇق قىلىدۇ.
15 مانا، ئۇنداق كىشى رەزىللىك تولغىقى تارتىدۇ،
يامانلىققا ھامىلىدار بولۇپ يالغانچىلىقنى تۇغىدۇ.
16 ئۇ ئورا كولاپ، ئۇنى چوڭقۇر قىلدى،
لېكىن كولىغان ئورىسىغا ئۆزى يىقىلىپ چۈشتى.
17 ئۇنىڭ يامانلىقى ئۆزىنىڭ بېشىغا قايتىپ كېلىدۇ،
زوراۋانلىقى ئۆز چوققىسىغا چۈشىدۇ.
18 مەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتى ئۈچۈن
ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىمەن،
ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدانىڭ نامىغا
مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇيمەن.