8
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىت» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. 2 ئەي رەببىمىز پەرۋەردىگار،
سېنىڭ نامىڭ پۈتۈن يەر يۈزىدە نەقەدەر ئۇلۇغ!
شان-شەرىپىڭنى ئاسمانلارنىڭ ئۈستىگە يېيىپ نامايان قىلىسەن.
3 سەن كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان مەدھىيەلەر بىلەن
ساڭا قارشى تۇرغۇچىلارغا قارشى كۈچ-قۇدرەت تىكلىدىڭ،
دۈشمەن ۋە قىساسكارنى شۈك بولسۇن دەپ.
4 مەن بارماقلىرىڭنىڭ ئىشى بولغان ئاسمانلىرىڭغا قارىسام،
سەن بېكىتىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا نەزەر سالسام:
5 «ئادەم نېمىدى، سەن ئۇنى ياد ئەتكۈدەك؟
ئادەم بالىسى نېمىتى، سەن ئۇنى يوقلىغۇدەك؟» دەيمەن.
6 سەن ئۇنى پەرىشتىلەردىن سەللا تۆۋەن قىلدىڭ،
ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە ئىززەتنىڭ تاجىنى كىيدۈردۈڭ■
7 سەن قوللىرىڭنىڭ ئىشلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى
ئۇنىڭغا تاپشۇردۇڭ،
ھەممە نەرسىلەرنى ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ ئاستىغا قويدۇڭ.
8 يەنى قوي-كالىلار، دالادىكى ياۋايى ھايۋانلار،
9 ھاۋادىكى ئۇچار قاناتلار، دېڭىزدىكى بېلىقلار
ۋە دېڭىزلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆتكۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەممىسىنى
ئۇنىڭ ئاياغلىرى ئاستىغا قويۇپ قويدۇڭ.
10 ئەي رەببىمىز پەرۋەردىگار،
سېنىڭ نامىڭ پۈتۈن يەر يۈزىدە نەقەدەر ئۇلۇغدۇر.