9
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «مۇت-لاببەن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. ■ 2 مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا،
ئەي پەرۋەردىگار، شۈكۈر قىلاي،
سېنىڭ ھەممە ئاجايىپ ئىشلىرىڭنى بايان قىلاي.
3 ئەي ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدا،
سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن.
سېنىڭ نامىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمەن.
4 دۈشمەنلىرىم كەينىگە يانغاندا،
ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭدا سەنتۈرۈلۈپ يىقىلىپ ھالاك بولدى.
5 سەن مېنىڭ ھەققىمنى قوغداپ، دەۋايىمنى قوللىدىڭ،
تەختتە ئولتۇرۇپ، ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلدىڭ.
6 سەن ئەللەرگە تەنبىھ بېرىپ، يامانلارنى ھالاك قىلدىڭ،
ئۇلارنىڭ ناملىرىنى مەڭگۈگە ئۆچۈرۈۋەتتىڭ.
7 دۈشمەنلەر مەڭگۈگە ۋەيران قىلىندى.
سەن ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ.
ئۇلارنىڭ خاتىرىلىرىمۇ يوقىلىپ كەتتى.
8 ئەمما پەرۋەردىگار ئەبەدكىچە تەختتە ئولتۇرىدۇ.
ئۇ تەختىنى ھۆكۈم ئۈچۈن قۇرغاندۇر.
9 ئۇ ئادالەت بىلەن دۇنياغا ھۆكۈم قىلىدۇ،
خەلقلەر ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
10 پەرۋەردىگار زۇلۇم ئاستىدا ئەزىلگەنلەرگە ئېگىز قەلئەدۇر.
ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنلەردە بىر ئېگىز قەلئەدۇر.
11 سېنىڭ نامىڭنى بىلگۈچىلەر ساڭا تايىنىدۇ،
چۈنكى سەن، ئەي پەرۋەردىگار،
ئۆزۈڭنى ئىزدىگۈچىلەرنى ھەرگىز تاشلىمايسەن.
12 سىئوندا ماكانى بولغان پەرۋەردىگارغا
مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار،
خەلقلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ئىش-ئەمەللىرىنى بايان قىلىڭلار.
13 چۈنكى تۆكۈلگەن قاننىڭ ھېسابىنى ئالغۇچى ئۇدۇر،
ئۇ ئۇلارنى ياد ئېتىپ، بىچارىلەرنىڭ پەريادىنى ئۇنتۇمايدۇ.
14 ئەي پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم قىلغىن!
ئەي مېنى ئۆلۈمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن تارتىۋالغۇچى،
مېنى ئۆچ كۆرگەنلەردىن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمگە نەزەر سالغىن!
15 ئۇنداق قىلساڭ، مەن ھەممە شان-شەرىپىڭنى بايان قىلىمەن،
سىئون قىزىنىڭ دەرۋازىلىرىدا تۇرۇپ نىجاتلىقىڭدىن شادلىنىمەن. ■
16 ئەللەر ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا چۈشۈپ كەتتى،
ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ئۆزلىرى يوشۇرۇپ قويغان تورغا ئىلىنىپ قالدى.
17 پەرۋەردىگار ئۆز-ئۆزىنى تونۇتتى، ئۇ ئادىل ھۆكۈم چىقاردى.
يامان ئادەم ئۆز قوللىرىنىڭ ئىشى بىلەن تۇتۇلۇپ قالدى.
خىگگائون.
سېلاھ. ■
18 يامانلار، خۇدانى ئۇنتۇپ قالغان ھەممە ئەللەر،
قايتۇرۇلۇپ، ئۆلۈكلەر دىيارىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
19 چۈنكى مىسكىنلەر مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ،
ئېزىلگەنلەرنىڭ ئۈمىدى ئەبەدكىچە ئۈزۈلمەيدۇ.
20 تۇرغىن ئەي پەرۋەردىگار، ئىنسان غالىب كەلمىسۇن.
ئەللەر سېنىڭ ئالدىڭدا سوراق قىلىنسۇن.
21 ئەي پەرۋەردىگار، ئۇلارنى قورقۇنچقا سالغىن.
خەلقلەر ئۆزلىرىنى پەقەتلا بەندىلەر ئىكەنلىكىنى پەملىسۇن.
سېلاھ.