10
1 ئەي پەرۋەردىگار، نېمە ئۈچۈن يىراق تۇرىسەن؟ نېمىشقا ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنلەردە ئۆزۈڭنى يوشۇرىسەن؟
2 يامانلار تەكەببۇرلۇقى بىلەن بىچارىلەرگە زۇلۇم سالىدۇ.
بىچارىلەر ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
3 چۈنكى يامان ئادەم ئۆز كۆڭلىنىڭ ھەۋەسلىرىدىن پەخىرلىنەر.
ئۇ ئاچ كۆزلەرگە بەخت تىلەر، لېكىن پەرۋەردىگاردىن نەپرەتلىنەر.
4 يامان ئادەم دىمىغىنى قېقىپ، خۇدانى ئىزدىمەس.
ئۇ بارلىق خىياللىرىدا «خۇدا يوق» دەپ ئويلار.
5 سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ئۇنىڭ نەزىرىدىن ئۈستۈن بولغاچقا،
ئۇنىڭ يوللىرى ھەمىشە ئوڭاي كۆرۈنەر.
ئۇ ئۆز دۈشمەنلىرىنى زاڭلىق قىلار.
6 ئۇ كۆڭلىدە: «مەن تەۋرەنمەي تۇرىۋېرىمەن،
نەسىلدىن نەسىلگە ماڭا ھېچ بالا-قازا كەلمەس» دەيدۇ.
7 ئۇنىڭ ئاغزى لەنەت، ھىيلە ۋە زۇلۇمغا تولغان.
ئۇنىڭ تىلى ئاستىدا ئەسكىلىك ۋە رەزىللىك بار.
8 ئۇ كەنتلەردە يوشۇرۇنۇپ ماراپ ئولتۇرار،
پىنھان يەرلەردە بىگۇناھ كىشىنى ئۆلتۈرەر.
ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاجىز ئادەمنى كۆزلەر.
9 ئۇ چاتقاللىقتا مۆكۈپ ياتقان شىردەك
ئاجىز بىچارىنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ماراپ ياتار.
ئۇ ئاجىز بىچارىنى تورىغا چىرماپ تۇتار.
10 ئۇ پۈكۈلۈپ ئېگىلەر.
ئاجىزلار ئۇنىڭ چاڭگىلىغا چۈشەر.
11 ئۇ كۆڭلىدە: «خۇدا بۇنى ئۇنتۇپ قالىدۇ،
ئۇ يۈزىنى يوشۇرۇۋېلىپ، بۇنى ھەرگىز كۆرمەيدۇ» دەيدۇ.
12 ئەي پەرۋەردىگار، قوزغال!
ئەي خۇدا، قولۇڭنى كۆتۈرۈپ، مەزلۇم بىچارىلەرنى ئۇنتۇمىغىن.
13 نېمىشقا يامان كىشى خۇدانى رەت قىلىپ،
كۆڭلىدە: «ئۇ مېنى سوراق قىلمايدۇ» دەپ ئويلايدۇ؟
14 سەن بۇنى كۆرۈپ تۇرىسەن،
ئۆز قولۇم بىلەن قايتۇراي دەپ،
ئەسكىلىك ۋە يامانلىققا نەزەر سالىسەن.
ئاجىز كىشى ئۆزىنى ساڭا تاپشۇرىدۇ.
سەن يېتىم-يېسىرلەرنىڭ ياردەمچىسىسەن.
15 يامان كىشىنىڭ بىلىكىنى سۇندۇرغىن،
رەزىل ئادەمنىڭ يامانلىقى يەنە تېپىلمىغۇچە سۈرۈشتە قىلغىن.
16 پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەد پادىشاھتۇر.
يات ئەللەر ئۇنىڭ زېمىنىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ.
17 پەرۋەردىگار، سەن بىچارىلەرنىڭ ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى ئاڭلىدىڭ.
سەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە مەدەت بېرىسەن،
ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قۇلاق سالىسەن.
18 تۇپراقتىن بولغان ئادەملەر يەنە دەھشەت سالمىسۇن دەپ،
سەن يېتىم-يېسىرلار ۋە زۇلۇم تارتقانلارنىڭ ھەققىنى قوغدايسەن.