11
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان ناخشا.
 
مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىمەن.
ئۇنداقتا قانداقسىگە ماڭا:
«قۇشلاردەك ئۆز تېغىڭغا قاچ» دېيەلەيسىلەر؟
 
‏2 مانا، يامانلار ئوقياسىنى تارتىپ،
قاراڭغۇلۇقتا كۆڭلى دۇرۇسلارنى ئاتايلى دەپ،
ئوقنى كىرىچكە سېلىپ قويدى.
‏3 ئۇللار بۇزۇلسا، ھەققانىي كىشى نېمە قىلالار؟
 
‏4 پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بەيتىدە تۇرىدۇ،
پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئاسماندا.
ئۇنىڭ كۆزلىرى ئادەم بالىلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ،
ئۇلارنى كۆزىتىپ سىنايدۇ.
‏5 پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنى سىناپ باقىدۇ،
ئەمما يامان ئادەمنى ۋە زوراۋانلىققا خۇشتار ئادەمنى ئۆچ كۆرىدۇ.
‏6 ئۇ يامانلارنىڭ ئۈستىگە قاپقانلار ياغدۇرىدۇ.
ئوت، گۈڭگۈرت ۋە قىزىق شامال ئۇلارنىڭ قەدىھىدىكى نېسىۋىسى بولىدۇ.
‏7 چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر،
ئۇ ھەققانىيلىقنى سۆيىدۇ.
دۇرۇس كىشىلەر ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرىدۇ.