12
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ «شېمىنىت» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. ■ 2 قۇتقۇز، ئەي پەرۋەردىگار، چۈنكى تەقۋادارلار تۈگەپ كەتتى.
ۋاپادارلار ئادەم بالىلىرىنىڭ ئارىسىدىن يوق بولۇپ كەتتى.
3 ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە يالغان سۆزلىشىدۇ.
ئۇلار سىلىق گەپ قىلىپ، ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن سۆز قىلىدۇ.
4 پەرۋەردىگار ھەممە خۇشامەتچى لەۋلەرنى
ۋە يوغان سۆزلەيدىغان تىلنى كېسىۋەتسۇن.
5 ئۇلار «تىلىمىز بىلەن غەلىبە قىلىمىز،
لەۋلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭكى.
كىم ئۈستىمىزگە غوجا بولالايدۇ؟» دەيدۇ.
6 «ئېزىلگەنلەرنىڭ تارتقان زۇلۇمى ئۈچۈن
ۋە مىسكىنلەرنىڭ ئازابلىق نالىلىرى ئۈچۈن
مەن ئەمدى قوزغىلىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار،
«ئۇلارنى ئۆزلىرى تەشنا بولغان ئامانلىققا ئېرىشتۈرىمەن».
7 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى پاك سۆزلەردۇر.
ئۇلار ئوتلۇق تونۇردا پاكلىنىپ،
يەتتە قېتىم تاۋلانغان كۈمۈشتەكتۇر.
8 سەن، ئەي پەرۋەردىگار، ئۇلارنى ساقلايسەن،
سەن بىزنى بۇ يامان نەسىلدىن ئەبەدكىچە قوغدايسەن.
9 چۈنكى ئادەم بالىلىرىنىڭ ئارىسىدا پەس ئىش ئۇلۇغلانغاچقا،
يامانلار ھەر تەرەپتە غادىيىپ يۈرۈشىدۇ.