13
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. ئەي پەرۋەردىگار، قاچانغىچە مېنى ئۇنتۇيسەن؟ ئەبەدكىچىمۇ؟
قاچانغىچە سەن يۈزۈڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟
2 قاچانغىچە كۆڭلۈمدە ئەندىشە قىلىپ، ھەر كۈنى غەم يەيمەن؟
قاچانغىچە دۈشمىنىم مەندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؟
3 ئەي پەرۋەردىگار خۇدايىم، ماڭا نەزەر سېلىپ جاۋاب قايتۇرغىن.
كۆزلىرىمنى يورۇتقىن، بولمىسا ئۆلۈم ئۇيقۇسىغا كېتىپ قالىمەن.
4 بولمىسا دۈشمىنىم: «مەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدىم» دەيدۇ
ۋە ماڭا قارشى بولغانلار يىقىلغىنىمنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ.
5 ئەمما مەن مېھىر-شەپقىتىڭگە تايىنىمەن،
كۆڭلۈم سېنىڭ نىجاتلىقىڭدىن شادلىنىدۇ.
6 مەن پەرۋەردىگارنى كۈيلەيمەن،
چۈنكى ئۇ ماڭا ياخشىلىق قىلغان.