14
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان ناخشا.
 
ئەخمەقلەر كۆڭلىدە «ھېچ خۇدا يوق» دەيدۇ.
ئۇلار بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى يىرگىنچلىك ۋە رەزىلدۇر.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياخشىلىق قىلغۇچى يوقتۇر.
 
‏2 پەرۋەردىگار ئەرشتىن قاراپ:
«دانا بىرى بارمۇ،
خۇدانى ئىزدەيدىغان بىرى بارمۇ؟» دەپ
ئادەم بالىلىرىغا نەزەر سالىدۇ.
‏3 لېكىن ھەممىسى ئېزىقىپ كەتتى،
ھەممىسى بىرلىكتە بۇزۇلغاندۇر.
ياخشىلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر.
 
‏4 خۇداغا دۇئا-ئىلتىجا قىلماي تۇرۇپ،
نان يېگەندەك خەلقىمنى يالماپ يۇتىدىغان رەزىللىك قىلغۇچىلاردا
چۈشەنگۈدەك ھېچبىر بىلىمى يوقمۇ؟
‏5 ئۇلارنى دەھشەتلىك قورقۇنچ باستى،
چۈنكى خۇدا ھەققانىيلار بىلەن بىللىدۇر.
‏6 سىلەر بىچارىلەرنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدىنى
قانچە يەرگە ئۇرماقچى بولساڭلارمۇ،
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ پاناھىدۇر.
 
‏7 كاشكى ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى سىئوندىن كەلسە ئىدى.
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇپ ئەسلىگە كەلتۈرگەندە،
ياقۇب شادلىنىدۇ، ئىسرائىل خۇشاللىققا تولىدۇ.