15
‏1 داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ چېدىرىڭدا كىم تۇرالايدۇ،
مۇقەددەس تېغىڭدا كىم ماكانلىشالايدۇ؟
 
‏2 كىمكى توغرا يولدا ماڭسا،
ھەققانىي ئىش قىلسا
ۋە چىن يۈرىكىدىن ھەقىقەتنى سۆزلىسە،
‏3 كىمكى تىلى بىلەن غەيۋەت قىلمىسا،
يېقىنلىرىغا يامانلىق قىلمىسا
ۋە قوشنىسىغا ھاقارەت قىلمىسا،
‏4 كىمكى پەسكەش ئادەمدىن يىرگىنسە،
پەرۋەردىگارنىڭ تەقۋادارلىرىغا ھۆرمەت قىلسا
ۋە ئۆزىگە زىيانلىق بولسىمۇ قەسىمىنى بۇزمىسا،
‏5 كىمكى پۇلىنى ئۆسۈمگە بەرمىسە،
بىگۇناھقا قارشى پارا ئالمىسا،
كىمكى بۇنداق ئىشلارنى داۋاملاشتۇرسا،
ھەرگىز تەۋرەنمەيدۇ.