16
1 داۋۇد يازغان مىقتام. مېنى ساقلىغىن، ئەي خۇدا، چۈنكى ساڭا تايىنىمەن. ■
2 مەن پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ ئىگەمدۇر،
سەندىن ئەۋزەل ھېچنېمەم يوقتۇر» دېدىم.
3 زېمىندىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭ بولسا، ئۇلار پەزىلەتلىكتۇر،
ئۇلار مېنىڭ ھەممە خۇشاللىقىمدۇر.
4 باشقا ئىلاھلارنىڭ كەينىگە كىرگەنلەرنىڭ غېمى كۆپىيىپ كېتىدۇ.
مەن ئۇلارنىڭ ئاداقلىرىنىڭ قانلىرىنى سۇنمايمەن،
ئۇلارنىڭ ناملىرىنى ھەتتا تىلىمغا ئالمايمەن. ■
5 پەرۋەردىگار مېنىڭ مىراسىم ۋە قەدىھىمنىڭ ھەسسىسىدۇر.
سەن ئۆزۈڭ نېسىۋەمنى ساقلايسەن.
6 مېنىڭ نېسىۋەم ياخشى يەرلەرگە بېكىتىلگەن.
بەرھەق، مېنىڭ گۈزەل مىراسىم بار.
7 ھەمدۇسانا ئېيتاي ماڭا نەسىھەت بەرگەن پەرۋەردىگارغا.
كېچىدىمۇ توغرا يولنى ئۆگىتىدۇ بۆرەكلىرىم ماڭا. ■
8 مەن ھەمىشە پەرۋەردىگارنى كۆز ئالدىمدا تۇتىمەن،
ئۇ مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، مەن تەۋرەنمەيمەن.
9 شۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلۈم خۇشالدۇر،
روھىم شادلىنىدۇ،
بەدىنىممۇ تىنچ-خاتىرجەملىكتە تۇرىدۇ.
10 چۈنكى سەن جېنىمنى ئۆلۈكلەر دىيارىدا قالدۇرمايسەن،
تەقۋادار بەندەڭنىڭ چىرىشىگە يول قويمايسەن.
11 سەن ماڭا ھايات يولىنى كۆرسىتىسەن.
سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا چەكسىز خۇشاللىق بار،
ئوڭ قولۇڭدا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق بار.