17
1 داۋۇدنىڭ بىر دۇئاسى. ئەي پەرۋەردىگار، ھەققانىي دەۋاغا قۇلاق سالغىن،
پەريادىمغا ئېتىبار بەرگىن،
ھىيلىسىز لەۋلەردىن چىققان دۇئايىمنى ئاڭلىغىن.
2 ماڭا ھۆكۈم سېنىڭ تەرىپىڭدىن چىقىرىلسۇن.
كۆزلىرىڭ ھەقنى پەرقلەندۈرسۇن.
3 سەن مېنىڭ كۆڭلۈمنى سىناپ باقتىڭ.
كېچىدىمۇ مېنى كۆزىتىپ تەكشۈرگەن بولساڭمۇ،
مەندە ھېچنېمىنى تاپمىدىڭ.
ئاغزىمدىن يامان سۆز چىقمىسلىقىنى قارار قىلدىم.
4 ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە بولسا،
مەن لەۋلىرىڭنىڭ سۆزى بويىچە
ئۆزۈمنى زوراۋانلارنىڭ يوللىرىدىن نېرى تۇتتۇم.
5 مېنىڭ قەدەملىرىم سېنىڭ يوللىرىڭدىن چىقمىدى،
پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىدى.
6 ئەي خۇدا، ساڭا ئىلتىجا قىلىمەن،
چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب بېرىسەن.
ماڭا قۇلاق سالغىن،
سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىن.
7 ئەي ئۆزۈڭگە تايانغانلارنى ئوڭ قولۇڭ بىلەن
دۈشمەنلىرىدىن ئايرىپ قۇتقۇزغۇچى،
ئاجايىپ كارامەت مەرھەمەتلىرىڭنى كۆرسەتكىن.
8 مېنى كۆز قارىچۇقۇڭدەك ئاسرىغىن،
قاناتلىرىڭنىڭ سايىسىغا مېنى يوشۇرغىن.
9 ماڭا زۇلۇم قىلىدىغان يامان ئادەملەردىن،
جېنىمنى ئېلىشنى قەستىدە مېنى قورشىۋالغان دۈشمەنلىرىمدىن
مېنى ساقلىغىن.
10 ئۇلار يۈرەكلىرىنى قاتۇرۇپ،
ئېغىزلىرى بىلەن چوڭ سۆزلەيدۇ.
11 ئۇلار ھەربىر قەدىمىمىزدە بىزنى قورشىۋېلىپ،
بىزنى يەرگە يىقىتىش ئۈچۈن تىكىلىپ قاراپ تۇرىدۇ.
12 ئۇلار ئولجىغا موھتاج ئاچكۆز شىردەكتۇر،
يوشۇرۇن جايلارغا مۆكۈۋالغان ياش شىردەكتۇر.
13 تۇرغىن، ئەي پەرۋەردىگار،
ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقىن، ئۇلارنى يىقىتىۋەتكىن،
قىلىچىڭ بىلەن جېنىمنى يامانلاردىن قۇتقۇزغىن.
14 ئۆز قولۇڭ بىلەن مېنى بۇ ئادەملەردىن قۇتقۇزغىن، ئەي پەرۋەردىگار،
بۇ دۇنيادىلا نېسىۋىسىنى تاپقان ئادەملەردىن قۇتقۇزغىن.
ئۇلارنىڭ قارنى سەن بەرگەن نېمەتلەر بىلەن تويغان،
پەرزەنتلىرىمۇ تويۇپ كەتكەن.
ئۇلار بالىلىرىغا مال-مۈلكىنى قالدۇرىدۇ.
15 لېكىن مەن بولسام، ھەققانىيلىقتا يۈزۈڭنى كۆرىمەن،
ئويغانغىنىمدا، سېنىڭ دىدارىڭنى كۆرۈپ سۆيۈنىمەن.