18
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى. داۋۇد پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى ھەممە دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن ۋە سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى پەرۋەردىگارغا بۇ ناخشىنىڭ سۆزلىرىنى ئېيتقان. 2 ئەي مېنىڭ كۈچۈم بولغان پەرۋەردىگار،
سۆيىمەن سېنى.
3 پەرۋەردىگار مېنىڭ قورام تېشىم،
مېنىڭ قورغىنىم ۋە مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر!
ئۇ مېنىڭ خۇدايىم، مېنىڭ مۇستەھكەم قورام تېشىم،
مەن ئۇنىڭغا تايىنىمەن.
ئۇ مېنىڭ قالقىنىم ۋە نىجاتلىقىمنىڭ مۈڭگۈزى،
مېنىڭ ئېگىز قەلئەمدۇر.
4 مەن مەدھىيەلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغىنىمدا،
دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزۇلدۇم.
5 ئۆلۈمنىڭ ئارغامچىلىرى مېنى يۆگىۋالدى،
ھالاكەت كەلكۈنلىرى مېنى قورقۇتۇۋەتتى.
6 ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ زەنجىرلىرى مېنى باغلىۋالدى،
ئۆلۈمنىڭ قىلتاقلىرىغا دۇچ كەلدىم.
7 مەن ئېغىر ئازاب ئىچىدە پەرۋەردىگارغا يالۋۇردۇم،
خۇدايىمغا نالە قىلدىم.
ئۇ ئۆز بەيتىدىن مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىدى،
نالەم ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى.
8 شۇ چاغ يەر سىلكىنىپ، تەۋرىنىپ كەتتى،
تاغلارنىڭ ئۇللىرىمۇ تەۋرىنىپ تىترەپ كەتتى.
چۈنكى ئۇ غەزەپلەندى.
9 ئۇنىڭ بۇرنىدىن تۈتۈن ئۆرلىدى،
ئاغزىدىن كۆيدۈرىدىغان ئوت چىقتى،
چوغلار يالقۇنلاپ چۈشتى.
10 ئۇ ئاسماننى ئېگىپ، ئۆزى تۆۋەنگە چۈشكەندە،
پۇتلىرى ئاستىدا قويۇق قارا بۇلۇت بار ئىدى.
11 ئۇ بىر كېرۇبقا مىنىپ،
شامالنىڭ قاناتلىرىدا ئۇچۇپ كەلدى. ■
12 ئۇ قاراڭغۇلۇقنى يوشۇرۇنىدىغان يېپىنچا قىلدى،
ئاسماننىڭ قويۇق قارا بۇلۇتلىرى ئۇنىڭ چۆرىسىنى قاپلىدى.
13 ئۇنىڭ ئالدىدىكى پارلاق نۇردىن
مۆلدۈر ۋە ئوتلۇق چوغلار بىلەن تولغان قويۇق بۇلۇتلار چىقىپ تۇراتتى.
14 پەرۋەردىگار ئاسماندا گۈلدۈرلىدى.
ھەممىدىن ئۇلۇغ خۇدا ئاۋازىنى ياڭرىتىپ،
مۆلدۈر ۋە ئوتلۇق چوغلار ياغدۇردى.
15 ئۇ يا ئوقلىرىنى ئېتىپ ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى،
كۆپ چاقماقلار چاقتۇرۇپ، ئۇلارنى پاراكەندە قىلدى.
16 ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ تەنبىھىڭ بىلەن،
بۇرنۇڭنىڭ كۈچلۈك نەپىسى بىلەن
سۇلارنىڭ تېگى كۆرۈنۈپ قالدى
ۋە دۇنيانىڭ ئۇللىرى ئېچىلىپ قالدى.
17 ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ، مېنى تۇتۇپ،
ئۇلۇغ سۇلارنىڭ ئىچىدىن تارتىۋالدى.
18 ئۇ مېنى كۈچلۈك دۈشمىنىمدىن،
ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن قۇتقۇزدى.
چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈك ئىدى.
19 مەن ئاپەتكە ئۇچرىغان كۈندە ئۇلار مېنىڭ يولۇمنى توستى.
ئەمما پەرۋەردىگار مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم بولدى.
20 ئۇ مېنى كەڭرى يەرگە چىقىرىۋالدى.
ئۇ مەندىن خۇرسەن بولغاچقا، مېنى قۇتقۇزدى.
21 پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا يارىشا ماڭا ئىنئام بەردى،
قوللىرىمنىڭ پاكلىقىغا قاراپ ئەجرىمنى بەردى.
22 چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتتۇم،
خۇدايىمغا ئاسىيلىق قىلمىدىم.
23 ئۇنىڭ ھەممە ئەھكاملىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىدىم،
ئۇنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدىن چىقمىدىم.
24 مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ئىدىم،
ئۆزۈمنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلىدىم.
25 پەرۋەردىگار قوللىرىمنىڭ پاكلىقىغا نەزەر سېلىپ،
ھاققانىيلىقىمغا قاراپ ئىنئام بەردى.
26 سەن شەپقەتلىك كىشىگە ئۆزۈڭنى شەپكەتلىك كۆرسىتىسەن،
كامىل ئادەمگە ئۆزۈڭنى كامىل كۆرسىتىسەن.
27 پاك كىشىگە ئۆزۈڭنى پاك كۆرسىتىسەن،
تەتۈر كىشىگە ئۆزۈڭنى تەتۈر كۆرسىتىسەن.
28 سەن زۇلۇم تارتقان خەلقنى قۇتقۇزىسەن،
لېكىن تەكەببۇر كۆزلەرنى تۆۋەنگە قارىتىسەن.
29 سەن، ئەي پەرۋەردىگار، چىرىغىمنى ياندۇرىسەن،
خۇدايىم قاراڭغۇلۇقۇمنى يورۇتىدۇ.
30 سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن دۈشمەن قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتىمەن،
خۇدايىم بىلەن سېپىلدىن ئاتلاپ ئۆتىمەن،
31 خۇدانىڭ يولى مۇكەممەلدۇر،
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سىنالغاندۇر.
ئۇ ئۆزىگە تايانغۇچىلارغا قالقاندۇر.
32 كىم خۇدادۇر پەرۋەردىگاردىن باشقا؟
خۇدايىمىزدىن باشقا كىم قورام تاشتۇر؟
33 خۇدا بېلىمنى قۇدرەت بىلەن باغلىغۇچى،
يولۇمنى مۇكەممەل قىلغۇچى.
34 ئۇ پۇتلىرىمنى مارالنىڭكىدەك قىلىدۇ،
مېنى ئېگىز جايلىرىمدا تۇرغۇزىدۇ.
35 ئۇ قوللىرىمغا جەڭ قىلىشنى
ۋە بىلەكلىرىمگە مىس ئوقيانى تارتىشنى ئۆگىتىدۇ.
36 سەن ماڭا نىجاتلىقىڭنىڭ قالقىنىنى بەردىڭ،
ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىدى.
سېنىڭ مۇلايىم كەمتەرلىكىڭ مېنى ئۇلۇغ قىلدى.
37 ماڭغان يولۇمدا قەدەملىرىمنىڭ جايىنى
سەن كېڭەيتىپ تۇرغاچقا،
مېنىڭ پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىدى.
38 مەن دۈشمەنلىرىمنى قوغلاپ، ئۇلارغا يەتتىم.
ئۇلار ھالاك بولمىغۇچە كەينىمگە يانمىدىم.
39 مەن ئۇلارنى يەنە تۇرالمىغۇدەك ئۇردۇم.
ئۇلار پۇتلىرىمنىڭ ئاستىغا يىقىلدى.
40 سەن بېلىمنى جەڭ قىلىشقا كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن باغلىدىڭ،
ماڭا قارشى چىققانلارنى پۇتلىرىمغا باش ئەگدۈردۈڭ.
41 سەن مەن ئۈچۈن دۈشمەنلىرىمنى قاچۇرۇۋەتكەچكە،
مەن ئۆزۈمگە ئۆچ بولغانلارنى يوقىتىۋەتتىم.
42 ئۇلار پەرياد قىلدى، لېكىن قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم چىقمىدى.
پەرۋەردىگارغا نالە قىلدى، لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىدى.
43 مەن ئۇلارنى ئېزىۋېتىپ، شامال ئۇچۇرغان توپىدەك قىلىۋەتتىم،
ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك دەسسىۋەتتىم.
44 سەن مېنى خەلقنىڭ جەڭگى-جېدەللىرىدىن قۇتقۇزدۇڭ.
سەن مېنى ئەللەرنىڭ بېشى قىلدىڭ.
مەن تونۇمىغان خەلقمۇ مېنىڭ خىزمىتىمدە بولدى.
45 ئۇلار مەن توغرىسىدا ئاڭلاپلا ماڭا ئىتائەت قىلدى،
يات ئەللەر ماڭا بويسۇندى.
46 ياتلار سولىشىپ كەتتى،
قورغانلىرىدىن تىترىشىپ چىقىپ كەلدى.
47 پەرۋەردىگار ھاياتتۇر!
قورام تېشىمغا ھەمدۇسانا ئېيتىلسۇن،
نىجاتكارىم بولغان خۇدا ئۇلۇغلانسۇن.
48 خۇدا مېنىڭ ئىنتىقامىمنى ئالغۇچى،
خەلقلەرنى ماڭا بويسۇندۇرغۇچىدۇر.
49 ئۇ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن قۇتۇلدۇردى.
بەرھەق، سەن مېنى ماڭا قارشى چىققانلاردىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ،
زوراۋانلاردىن مېنى قۇتقۇزدۇڭ.
50 ئەي پەرۋەردىگار، شۇنىڭ ئۈچۈن
مەن خەلقلەر ئارىسىدا ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن،
نامىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇيمەن.
51 ئۇ ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا چوڭ نۇسرەت بېرىدۇ،
ئۆزى تاللاپ مەسىھلىگىنىگە،
يەنى داۋۇد ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئەبەدكىچە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ.