19
‏1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلسۇن دەپ، داۋۇد يازغان مەدھىيە ناخشىسى.
 
‏2 ئاسمانلار خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى بايان قىلىدۇ.
ئاسمان گۈمبىزى ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ ئىشلىرىنى نامايان قىلىدۇ.
‏3 ئۇلار كۈن-كۈنلەپ نۇتۇق سۆزلەيدۇ،
كېچە-كېچىلەپ ئىلىم نامايان قىلىدۇ.
‏4 بۇ بايانلار گەپ ۋە تىل بىلەن بولمىسىمۇ،
ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمىسىمۇ،
‏5 پۈتۈن يەر يۈزىگە يېيىلىپ كېتىدۇ،
سۆزلىرى دۇنيانىڭ چەتلىرىگىچە يېتىدۇ.
خۇدا ئاسماندا قۇياش ئۈچۈن بىر چېدىر تىكتى.
‏6 ئۇ ھۇجرىسىدىن بىر تويى بولغان يىگىتتەك چىقىدۇ،
مۇسابىقىدە يۈگۈرىدىغان بىر پالۋاندەك شادلىنىدۇ.
‏7 ئۇ ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن چىقىپ
ئايلىنىپ ئۇنىڭ يەنە بىر چېتىگە بارىدۇ.
ئۇنىڭ ھارارىتىدىن ھېچ نەرسە يوشۇرۇنالمايدۇ.
 
‏8 پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنى مۇكەممەلدۇر،
ئۇ ئادەمنىڭ جېنىنى يېڭىلايدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇقلىرى ئىشەنچلىكتۇر،
ئۇلار نادان كىشىنى دانا قىلىدۇ.
‏9 پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى توغرا،
ئۇلار كۆڭۈلنى شادلاندۇرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى روشەن،
ئۇلار كۆزلەرنى يورۇتىدۇ.
‏10 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش پاك ئىشتۇر ۋە ئەبەدكىچە قالىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە تامامەن ئادىلدۇر.
‏11 ئۇلار ئالتۇندىن ئەۋزەل، نۇرغۇن ساپ ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك.
ئۇلار ھەسەلدىن، ھەرە كۆنىكىدىن ئاققان بال-ھەسەلدىنمۇ شېرىندۇر.
‏12 ئۇلاردىن خىزمەتكارىڭ تەلىم ئالىدۇ،
ئۇلارغا ئىتائەت قىلسا چوڭ ئىنئام ئالىدۇ.
‏13 كىم ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى كۆرەلەيدۇ؟
مېنى بىلىپ-بىلمەي قىلغان خاتالىقلىرىمدىن پاكلىغىن.
‏14 خىزمەتكارىڭنى يېنىكلىك بىلەن قىلغان گۇناھلاردىن ساقلىغىن،
ئۇلارنىڭ ماڭا ھۈكۈمران بولۇشىغا يول قويمىغىن.
شۇنىڭ بىلەن، مەن ئەيىبسىز بولۇپ،
ئېغىر گۇناھتىن قۇتۇلۇپ قالىمەن.
‏15 ئەي پەرۋەردىگار، ئەي مېنىڭ قورام تېشىم،
ئەي مېنىڭ قۇتۇلدۇرغۇچىم،
ئاغزىمنىڭ سۆزلىرى ۋە كۆڭلۈمنىڭ ئويلىرى
سېنىڭ نەزىرىڭدە مەقبۇل بولسۇن.